كىچىك پېئىللىق ۋە كەمتەرلىك

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-22 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 128 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

زېمىندا «ئىزگۈلۈك ۋە بىلىم قەسرى»نىڭ ئىشىكىنى تاپقىلى بولىدۇ. كىچىك پېئىل كىشىلا بۇ ئىشىكتىن پاتىدۇ. بىراق، سىز بۇ قەسىرگە كىرىش بىلەنلا زور بوشلۇق ۋە ئەركىنلىكنى ھەمدە بارچە ئىنسانغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى بايقايسىز. بۇ قەسىر بىزنىڭ ھاياتىمىز، ئۇنىڭ يول خېتى ئەقىل-پاراسەت تەلىم-تەربىيىسى. ئەقىل-پاراسەت كىچىك پېئىل ئادەمگىلا زاھىر قىلىپ بېرىلىدۇ.
پۇتنىڭ ئۇچىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇزۇنغا پايلىغىلى بولمايدۇ. ئۆزىدىن قانائەت قىلغۇچى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. مەنمەنچىلەر ئاۋامدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن يۇقىرى چاغلاپ قالماڭ، باشقىلاردا يوق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈردۈم دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئالاھىدىلىكلىرىڭىز قانچىلىك ياخشى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر سىز بەك يۇقىرى باھالىۋەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى قالماي قالىدۇ.
ھەقەمسايىڭىز ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بولسىڭىز، ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. يامان ئىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ كەتمەڭ. ئۆزىڭىز قىلىپ سالغان ئەسكى ئىشنى ئويلىغىنىڭىزدىلا ئاندىن ئۆزىڭىزنى ياخشى، مۇكەممال قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسىز.

5-ئاينىڭ 22-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *