ئىدىيە

يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-26 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 139 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئىدىيە
رەزىل قىلمىشتىن ئاۋۋالقى يامان نىيەت ئاشۇ رەزىل قىلمىشتىنمۇ ياماندۇر. سىز رەزىل قىلمىشىڭىزدىن پۇشايمان قىلسىڭىز، رەزىل قىلمىشنى تەكرارلىمايسىز. بىراق، يامان نىيەت تېخىمۇ كۆپ رەزىل قىلمىشلارغا باشلايدۇ.
ھاياتىمىزنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى تەندىن روھقا يۆتكىلىدۇ، بۇ قارارنى سەگەك ئىدىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەيلى قېرى-ياش بولسۇن، ئاقىل ياكى نادان بولسۇن، تەربىيە كۆرگەن ياكى كۆرمىگەن بولسۇن، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەممىسى ئەقىل-پاراسەتلىك بولالايدۇ.
ئەقىل-پاراسەت ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەگەر، سىز خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەگەشسىڭىز، ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشىسىز؛ ئەمما بىزگە شۇنىسى ئايانكى، خۇدانىڭ قانۇنى بىزنىڭ ۋىجدانىمىزدا. ئەقىل-پاراسەت ھەرقانداق شەخسىي ئارزۇ-ئىستەكتىن مۇھىمدۇر.
بۈيۈك ئىدىيىلەر قەلبتىن كېلىدۇ.
−لۇك دې كلاپېر، ۋافونارگې ماركىز

10-ئاينىڭ 26-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *