ئىككى دانە تىللا
ئىككى دانە تىللا
گۈلھەيزەم ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ رۇخسارىنى كۆرۈپ بۆلەكچە شادلاندى،ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنچىلىك چىرايلىق ئوماق قىز ئىكەنلىكىنى تېخىچە ھېس قىلمىغانىدى.ئۇنىڭ بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس.لېكىن بەدەنلىرى تولۇق،قارلىغاچ قانتىدەك ئىنچىگە قاشلىرى،چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ئۇنىڭ ئالمىدەك دوگىلەك يۈزىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى.
ئۇ ئەينەك ئالدىدا تۇرۇپ ئوتقاشتەك قىزىل شىپۇن كۆڭلىكىنى،ئىككى تال ئۆرۈلگەن توم،ئۇزۇن چاچلىرىنى،قۇلقىدا يال-يۇل قىلىپ كۆزنى چاقنىتىپ تۇرغان ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ھالقىسىنى ئۇزۇنغىچە تاماشا قىلىغاندىن كېيىن پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى،ئۇ ھازىرغىچە تېخى بۇنداق ئېسىل كىيملەرنى كىيىش تۈگۈل ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.بۈگۈن ئانىسى ئۇنى نېمانچە چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويدىكىن؟…
گۈلھەپىزەم بۇ يىل 16ياش كىردى ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى ناھايىتى ياخشى ئوقۇدى،ئۇ تىرىشىپ ئوقۇپ كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپكە چىقىشنى ئارزۇ قىلاتتى،بىراق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوقۇشى بارغانسېرى قىينلىششقا باشلىدى،چۈنكى ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە يوق.كۆپرەك ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا سالىدىغان بولدى،مەكتەپكە بەزى كۈنلىرى بارالىسا بەزى كۈنلىرى بارالماي قالاتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كەتتى،بىر كۈنى ئۇ ئۆيىگە ناھايىت ىمەيۈس قايىتتى.
-نېمە بولدۇڭ؟-دېدى ئويلىدا بىر كۆتەكنى يېرىش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان ئانىسى ئۇنىڭ ھالىتىگە قاراڭ….
-بىرىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىڭمۇ يە؟
-نېمىدەپ خەخ بىلەن ئرۇشاتتىم؟-قىز ئاچچىقىدا ئانىسىغا دوق قىلدى.
– ئەمسە نېمە بولدى؟گەپ قىلمامسەن.
-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كۆچەلمەپتىمەن.
قىز شۇ گەپنى ئاران دېيەلىدى-دە،پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.
-ۋاي ئانامەي،تېخى نېمە بولدىكىن دەپتىمەن،شۇ گەپمىدى؟قىز بالا دېگەن ئوقۇپ نەگە باراتتى،مەكتەپكە ئالمىسىچۇ،مانا مەن ئالىۋېرىمەن،ماڭ چاپسان ئۆيگە كىر.
گۈلھەپىزەمنىڭ ئانىسى خۇددى مۇشۇ كۈننى كۈتۈپ تۇرغاندەك يايراپلا كەتتى،گۈلھەپىزەم مەكتەپتىن قالغاندىن كېيىن بىر ەنچچە كۈن ئۆيدىن تالاغا چىقماي يىغلىدى.كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ ئىشىشىپ كەتتى.لېكىن ئامال قانچە؟ئۇ ئەتىگەنلىكى سۇغا چىققاندا،ياكى سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ ئېتىزغا ماڭغاندا قىزلارنىڭ خۇشال-خۇرام مەكتەپكە ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى ئېچىشاتتى،ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكۈچە كەينىدىن قاراپ تۇراتتى.بەزىدە ئوغرلىقچە مەكتەپنىڭ قېشىغا بېرىپ رىشاتكىدىن مەكتەپنىڭ ئىچىگە،ئۆزى ئوقۇغان سىنىپلارغا ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ قالاتتى.لېكىن ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇ ئاستا-ئاستا تەقدىرگە تەن بېرىپ مەكتەپ،ئوقۇش توغرىسىدا ئويلىمايدىغان بولۇپ قالدى،شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ يېزىدىكى بىپەرۋا قىزلار توپىغا قېتىلىپ كەتتى.
ئەمدى ئۇ كۈندۈزى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن بەنت بولسا،ئاخشىمى باشقا قىزلار بىلەن بىللە مەھەللىدىكى ئەينىدىن ھاجىمنىڭ سەيناسىدا دىندىن ساۋاق ئېلىشقا باشلىدى.
چىڭقى چۈش ۋاقتى،كۆپكۈك ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇت يوق،ئەتراپ تىپتىنىچ ئىدى،گۈلھەپىزەم ئېتىزلىقتا قىپقىزىل قىزىرىپ پىشقان پەمىدۇرلارنى ئۈزۈپ سېۋەتكە سېلىۋاتاتتى.تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يېنىدىلا بىر كىشىنىڭ يېنىك يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.بىغەم تۇرغان قىز چۆچۈپ ئەتراپقا قارىدى.
ئېتىز قىرىدىكى چوڭ ئۈجمىنىڭ تۈۋىدە يېپيېڭى ھەربىي كىيىم كىيىگەن ئەركىن تۇراتتى.
قىز ئەركىننىڭ بويىغا سەل چوڭ كېلىپ قالغان ھەربىي كىيىملىرىگە،قارامتۇل چىرايغا،سەل غەمكىن كۆزلىرىگە ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى.
-سېنى تونۇيالماي قاپتىمەن،-دېدى ئەركىن قىزغا قاراپ.
-شۇنداقتۇ،چوڭ شەھەرگە كېتىدىغانلار بىزدەك سەھرالىقلارنى تونۇيالماي قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس.
يىگىت قىزنىڭ گەپدانلىقىغا ھەيران قالدى.
-ئۇنداق ئەمەس.بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتپىسەن،شۇڭا…-دېدى يىگىت ئۆزىنى ئاقلاپ.
-بۇرۇن چىرايلىق ئەمەسمىدىم؟-قىز سىنىچى كۆزلىرى بىلەن يىگىتكە تىكىلدى.
-سەنغۇ بۇرۇندىنلا چىرايلىق،بىراق بۈگۈن تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتپىسەن،سېنى كۆرمىگىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى،تالا-تۈزگىمۇ چىقماس بولۇپ كەتتىڭغۇ؟
قىز ئۇلۇغ كىچىك تىندى.
-قاچان ماڭىسەن؟
-ئەتە-ئۆگۈن مېڭىپ قالارمىز.
-ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۇرۇشقىمۇ قاتنىشارسەنمۇ؟
كىم بىلىدۇ،-دېدى ئەركىن ئەتراپقا قاراپ،-ئەسكەر دېگەن شۇ،تاققا دېسە تاققا،باققا دېسە باققا بارىدىغان گەپ،گۈلھەپىزەم مەن ساڭا خەت يازسام سەنمۇ خەت يازامسەن؟
-مەن؟-دېدى ھەيران بولۇپ،-سەن ئاتايىتەن شۇ گەپنى دېگىلى كەلگەنمىدىڭ؟
ئەركىن نېمە دېيىشنى بىلمەي قىزىرىپ تۇرۇپ قالدى،راستىنى ئېيتىقاندا بۇ بۇرۇن گۈلھەپىزەمنى كۈندە كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا ئۇنچىلىك سەپسالمىغان ھەم ئۇنى ئويلاپمۇ قويمىغانىدى.نېمىشقىدۇ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا گۈلھەپىزەمنى كۆرگۈسى.ئىككى ئېغىز پاراڭلاشقۇسى كېلىپ قالدى،گۈلھەپىزەم بىلەن ئەركىن بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ ئۈچ يىل بىللە ئوقۇدى.ئۇلار ئىناق ئۆتەتتى،ئەركىن بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرى،قىز ساۋاقداشلىرى ئىچىدە گۈلھەپىزەمنى ئەڭ يېقىن كۆرەتتى.راستىنى ئېيتىقاندا ئىككەيلەن تۇرمۇش،مۇھەببەت توغرىسىدا بىرەر سۆز قىلىشنىمۇ يادىغا كەلتۈرمىگەن،بىر-بىرىنى ياخشى كۆرەمدۇ،بۇنىڭغا ھېچقايسىسى ئېنىقراق بىر نەرسىمۇ دېيەلمەيدۇ.لېكىن تۈنۈگۈن كەچتىن بۇيان يىگىت ئۆز مەيلىنىڭ قىزغا مايىل ئىكەنلىكىنى ئېھتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى،ئۇ كىچە قىزنى ئويلاپ ئۇخلىيالمىدى.لېكىن قىزنىڭ يېشى كىچىك،ئۇ گەپلەرنى ئېيتىدىغان ۋاقتى ئەمەس،ئۇنىڭغا ئۆز كۆڭلىنى قانداق ئىزھار قىلىسا مۇۋاپىق بولار؟
-بىزنى ئۇنتۇپ قالماسسەن-ھە؟دېدى يىگىت قىزنىڭ ساددىلىق،ئاقكۆڭۈللۈك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ قاراپ.
-چوڭ شەھەرگە كەتكەنلەر ئۇنتۇمىسلا…
قىز گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالماي قالدى،بىللە ئويناپ ئۆسكەن بۇ بالىغا ئامراقلىقتىنمۇ ياكى سەمىمىي دوستلۇقتىنمۇ ئەيتاۋۇر شۇ تاپتا ئۇنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.
يىگىت جۈرئەتلىنىپ ئىتتىكلا قىزنىڭ يېنىغا كەلدى-دە،بىر نەچچە تال پەمىدۇرنى ئۈزۈۋېلىپ قىزنىڭ سېۋىتىگە سېلىشىپ بەرگەچ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى.
-سەنمۇ چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئوقۇغان بولساڭ،مەنمۇ شۇ يەردە بولغان بولسام نىمدېگەن ياخشى بولاتتى ھە،نېمىشقا ئوقۇشتىن چېكىندىڭ؟
بۇ سوئال قىزنىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرىتىۋەتتى،ئۇ ئويلاشتىن قاچىدىغان بۇ سوئالنى ئاڭلاپ قەلبىنىڭ يوشۇرۇن جايلىرىغا كۆمۈلگەن دەردىنى بىراقلا سۆزلەپ كەتتى؛
-بىزنىڭ ئوقۇغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى،قارىغىنا يېزىمىزدىكى زىيالي ياشلارنى،ئۇلار ئوقۇشنى،خىزمەتنى تاما قىلىپ يۈرۈدۇ،لېكىن ئۇلارنى ئىشچىلىققىمۇ ئالمىدىغۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقان بالىلىرى ئالدىنقى تاللاشتىلا شاللىنىتىپ قېلىۋاتسا،ناھىيە بويىەچە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغانلارمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغىغا بارالمايۋاتسا…
قىزنىڭ گەپلىرى ھەقىقەت ئىدى،ئەركىننى ھەربىلىككە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ قانچىلىك يول ماڭغانلىقىنى ئۇنىڭغىمۇ ئايان.شۇنداقتىمۇ ئۇ كۆڭلىدە ئويلىغانلىنى قىزغا ئېيتتى؛
– ئۇغۇ شۇنداق،لېكىن دېھقاننىڭ بالىلىرى پەقەت دېھقانلا بولىدۇ،دېگىلىمۇ بولمايدۇ،بولۇپمۇ سىلەر قىزلار كۆپرەك ئوقۇساڭلار ياخشى،مەن ئاياللار ئىچىدىن چىققان ئاتاتلىق،بىلىملىك ئاياللارنى كۆرسە، ئاجايىپ خۇشال بولۇپ كېتىمەن،سەن تېخى كىچىك بولغاندىكىن ئوقۇساڭ ياخشى بولاتتى،قانداق دېدىم؟
ئۇ ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان قىزنىڭ كۈچلۈك،توم بىلەكلىرىنى تۇتتى،شۇ ۋاقىتتا خۇددى ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنى تۇتقاندەك،قىزنىڭ ئوتتەك تەپتى ئۇنى قىزىۋەتكەندەك بولۇپ ئۇنىڭ چىكىلىرىدىن تەر چىقىپ كەتتى،ئۇ قىزغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ ئۇنىڭغا يۆلەنچۈك،يانتاياق بولۇش،كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدى.پەقەت ئۇلا قىزغا كۈچ-قۇۋۋەت بەخىش ئېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى،ئۇنىڭ ھېسىياتى ئۇنى ئالدىمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى كامىل ئىدى.بولمىسا بۇ بىچارە قىز بىر نەچچە يىلغىچە…
ئىككىيلەن جىمجىت تۇرۇپ قالدى.-گۈلھەپىزەم،راستىنى ئېيتىسام ھەربىيلىككە بېرىشقا ئوتتەك قىزغىنلىقىم بار،لېكىن ساڭا تارتىشىپ تۇرۋاتىمەن،سەن ماڭا قانداق قارايسەنكىن؟…
قىز يىگىتكە لەپپىدە قارىۋېتىپ،كۆزلىرىنى يەرگە ئاغدۇردى.يۈزلىرى لالىدەك قىزىرىپ كەتتى،ئۇ يەر ئاستىدىن ئەركىنگە سەپسېتىپ قارىدى،يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىن مۇھەببەت،ساداقەت،مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
قىزنىڭ يۈرىكى سېلىپ نېمە دېيىشىنى ،نېمە قىلىشنى بىلمەستىن تەمتىرەپ كەتتى. ئۇ جىددىيلەشكىنىدىن؛
-بىلمەيمەن،-دەپلا ئۆيگە قاراپ ماڭدى.
-گۈلھەپىزەم،توختىغىنا،توختىغىن،بىر ئېغىزلا گىپىمنى ئاڭلاپ باققىن.يىگىتنىڭ سۆزى بىلەن قىز خۇددى جايىدا مىخلاپ قويغاندەك توختىدى-دە،ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارىدى.
قىزنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلىرى چىگىش،كىشىنى بىھۇش قىلىدىغان ناخشىغا ئوخشاش ئاجايىپ-غارايىپ ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيگۈگە،مەدەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ،ئۆز سىرىنى پىنھان تۇتاتتى،جۈرئەتسىزلىنەتتى،يىگىت قىزنىڭ يېنىغا يېقىن كەلگەن بولسىمۇ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى…
قىز يىگىتكە قارىماستىن يەرگە قاراپ تۇرۇپ سورىدى؛
-نېمە دېمەكچىدىڭ؟
-ھىلى دېگەن گېپىمگە جاۋاب بەرگىنە،خەت يازسام جاۋاب يازامسەن؟
ئەگەر سەنلا ۋەدەڭدە تۇرۇپ خەت يازساڭ،مەنمۇ يازىمەن،قانچە يىلدا قايتىپ كېلەرسەن؟-قىزنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ كەتتى.
-ئۈچ يىلدا كېلىمەن،ئۈچ يىل ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئەمەس،تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ،ئاندىن قايتىپ كېلىپ سەن بىلەن…
-بولدى…-قىز قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى.
-ماقۇل،بۇ گەپنى قىلماي،سەن ھازىرمۇ ھاجىمدىن ساۋاق ئېلىۋاتامسەن؟قىز تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالدىن تەجەبلەندى.
-بۇنى نېمىشقا سوراپ قالدىڭئ
-ئەينىدىن ھاجىم سىلەرنىڭ ئائلىگە ياخشىلىق قىلىۋاتىدۇ، ئاڭلىسام كېلەر يىلى ئاناڭنى ھەرەمگە يولغا سالارمىش،شۇنداقمۇ؟
-ھەئە،ھاجىم دادام ئانامنىڭ ئۇزۇن بويان ھەج قىلىش ئارزۇسى ئۈچۈن خالىس ياردەم قىلاي دەپتىكەن،ئانام ئۆمرۈم بويى ئاللاھدىن تىلىگەن جەننەتنىڭ ئىشكىنى ھاجىم ئېچىپ بېرىدىغان بولدى دەپ خۇشال بولۇپ يۈرۈدۇ.ھاجىم دادام تېخى خۇدا خالىسا سىلەرگە قىلىدىغان يەنە نۇرغۇن ياخشىلىقلىرىم بار دەۋاتىدۇ،ئۇ ھەقىقەتەن خېزىردەك ئادەم جىمۇ، شۇڭا ئانام مېنى ئۇ كىشىنىڭ ئاتا-تامقىنى ئېتىپ،كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ،ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ساۋابىنى ئالغىن دەۋاتىدۇ،مەنمۇ ھاجىم دادامنىڭ دۇئاسىنى ئېلىۋاتىمەن.
بۇ ساددا،ئاقكۆڭۈل قىزنىڭ غەمسىز ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئەركىننىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى.ئۇ ئاچچىقىدا؛
-بەلكى بەختىڭ ئېچىلىپ قالار؟-دېدى تەنە بىلەنئ
-شۇنى دېگىنە،شۇنداق بولۇپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس،-قىز يىگىتنىڭ تەنە قىلىۋاتقانلىقىنى قىلچە سەزمىدى.
-ھەي،سەن تېخى كىچىك،ھېچ نەرسىنى بىلمەيسەن،پۇل،كىيىم-كېچە دېگەن بەخىت ئەمەس جۇمۇ…
-گېپىڭنى چۈشىنەلمىدىم،نېمىلەرنى دەيدىغانسەن؟-ھەي،دېدى يىگىت رەللى بولۇپ- مەن ساڭا دەپ قوياي،سەن پەخەس بول،ئەينىدىن ھاجىم ئوبدان ئادەم ئەمەستەك تۇرۇدۇ جۇمۇ!
ئۇ ئۆز كۆڭلىدىكى سۆزىنى ئوچۇقلا ئېيتىپ تاشلىدى.
-ياق،-دېدى قىز رەنجىپ،-ھاجىم دادامغا تىل تەككۈزمە،يامان بولىدۇ.
-…ھەي دېدى يىگىت ۋە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاپ كېتىپ قالدى.
ئەركىن!قىز يىگىتتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغاندەك بولۇپ ئۇنى چاقىردى.بىراق يىگىت قىزنىڭ چاقىرغىننى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسلىققا سالدىمۇ،بىردەمدىلا كۆزدىن يىراقلاپ كەتتى.
قىزنىڭ كۆڭلى غەشلىككە تولدى. ئۇ ئەركىننىڭ بايقى گەپلىرىنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدى؛ ئۇ نېمە دېمەكچىدۇ؟
ئەينىدىن ھاجىم توپتوغرا 40يىلدىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلدى،ئۇ دادىسى بىلەن ھەجىگە ماڭغىنىدا بۇرىتى ئەمدىلا خەت تارتىقان يىگىت ئىدى،ھازىر ئاپئاق ساقاللىق بوۋاي بولدى.
ئۇ ئېگىز بويلۇق،ئورۇق،سوزۇق،يۈز.ياپما قاپاق،چاچ ساقاللىرى سۈتتەك ئاقارغان كىشى بولۇپ،بېشىغا مىسقالى داكىدىن چاققانغىنە سەللە ئوراپ،ئاق چۈنچەندىن شىم،پەشمەت،پۇتىغا شىۋەكتەك ئاياق كىيىپ يۈرەتتى،ئۇنىڭ تۈكلۈك،گۆشلىرى بوشاپ كەتكەن بىلىكدە چىسلىق سائەت پارقىراپ تۇراتتى.
ئەينىدىن ھاجىمنىڭ ئۆز مەھەللىسىگە قايتىپ كېلىشى بۇ يېزا خەلقى ئۈچۈن گۆھەر تېپىۋالغاندەكلا خۇشاللىق ئىش بولدى،ھاجىم ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە چۈشكەن سائەتتىن باشلاپ يېزىدىكى قېرى-ياش،چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال پەتە قىلىغۇچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى،ھەتتا يىراق يېقىندىن ئاڭلىغانلارمۇ كېلىشكە باشلدى،ئۇلار قىزىقىش،ھەيرانلىق،ئىتائەت بىلەن ئەيندىن ھاجىمنىڭ 40يىللىق ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلدى.
ئەيندىن ھاجىم ھەرەمگە ھەج قىلىشقا بېرىپ،شۇ يىلى ھەج قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قېلىپ،كېيىنكى يىلغىچە دادىسى قازا تېپىپ كەتتى،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يات ئەلدە غېرىبلىق،مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى، ناۋايغا شاگىرتلىققا كىرىپ كېچە-كۈندۈز كۈلگە مىلىنىپ نان ياقتى،گېلىدىن، ئۈستۋېشىدىن قىسىپ يىققان پۇللىرى بىلەن ئۈچ قېتىم ھەج تاۋاب قىلىشقا قادىر بولدى. ئۇ پۇل يىغىپ، ئۆزىنى روسلاپ ۋەتىنىگە قايتىقۇچە ھەش-پەش دېگۈچە توپتوغرا40يىل ئۆتۈپ كەتتى.
ئۇ مانا شۇلارنى ھېكايە قىلىپ بەرگىندە،كىشىلەر تللىرىنى چاكىلدىتشىپ،ھەيران قىلىشىپ ئاڭلاشتى،ھاجىمنىڭ قوللىرىنى سۆيۈپ،كۆزلىرىگە سۈرتىنى،ھاجىم سۆزلەپ بەرگەن پاراڭلار ئېغىزدىن- ئېغىزغا،قۇلاقتىن-قۇلاققا ئاڭلىنىپ يىزىدىكى پۈتۈن ئادەمگە ياد بولۇپ كەتتى.
بىر كۈنى سۆز ئارىلىقىدا يېزا ساقساقاللىرىدىن بىرىسى؛
-ھاجىم، ئۆزلىرىدەك بىر ئولۇغ زاتنىڭ يېزىمىزغا قايتىپ كېلشى ئاللاھنىڭ بىزگە قىلىغان شەپقىتى، ئاللاھ سىلىنىڭ دانا ئەقىللىرى ۋە تەلىملىرى بىلەن ئاراڭغۇ قەلبىمىزنى يۇرۇتقۇسى،بالا-چاقىلارنى كېيىنرەك كېلەمدۇ قانداق؟دەپ ئېھتىيات بىلەن سورىدى.
-پېقىر تېخى ئۆيلەنمىگەن،بىر-نەنچىدىن ئۇنچىلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولالمىدىم،چۈنكى ئۇ يەردىكى ئاياللار ناھايىتى ھۆر،باياشاد،ئەركىن ياشايدۇ،ئۇ ئاياللار مەيلى ئىشلىسۇن،مەيلى ئىشلمىسۇن ئوخشاشلا ئەتىۋارلىق،بىر يۈرۈش ئۆي،ماشىنا،ئالتۇن زىبۇ-زىننەتسىز توي گېپىنى قىلغىلى بولمايدۇ.
-ئەمسە بۇ يەردىكىدەك تۆت كىيىملىك رەخت بىلەن خوتۇن ئالغىلى بولمايدىكەندە،-دېدى بىر دېھقان لوقما سېلىپ.
-شۇنداق،دېدى ھاجىم باش لىڭىشتىپ،- ئايالنى ئېلىشمۇ تەس،ئۇنى كۈتۈش،ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشمۇ تەس،قانۇن ناھايىتى چىڭ،ئاياللارنى ئازراقمۇ خارلاشقا،كەمسىتىشكە،بوزەك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ،شۇڭا بۇ مۇمكىنچىلىك بولمىدى.ئىككى نەنچىدىن ئۇ يەردە ئۆيلىنىپ قالسام ۋەتەنگە قايتىپ كېلەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ ئۆيلۈك- ئوەچاقلىق بولۇشنى مەقبۇل كۆرمىدىم.-دېدى ھاجىم سىپايىگەرلىك بىلەن.
-بەرھەق،بەرھەق ھاجىم-دېيىشتى چوڭلار،-ئۆزلىرىنىڭ رىسقىلىرى ياقا يۇرتتا بولغان بىلەن ئائىلە بالا-چاقىلىرى ئۆز ئانا يۇرتلىرىدا بولغۇسى.قايسىمىز بولساق ئۆزلىرىدىمۇ قىز ئايىمايمىز،خۇداغا شۈكر،ئاللاھ ئۆمۈرلىرىنى بەرسە،ئانا ۋەتەندە ئائىلىمۇ،مەزلۇملىرىمۇ بولغۇسى.
مانا شۇ سۆھبەتتىن كېيىن ھاجىمنىڭ تېخى ئۆيلەنمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇر شۇ كۈنىلا يېزىمىزدىكى ئاياللارنىڭ قۇلقىغا يېتىپ بولدى،ساددا،ئاق كۆڭۈل تۇل ئاياللار ھاجىمنى يوقلاش،تاماق كىرگۈزۈش،ھال سوراش،دۇئاسىنى ئېلىش يولى بىلەن ھاجىم بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەم مەخپى ئەلچىلەردىن ئۆزىنى بىكاھقا ئېلىشنى بىشارەت بەردى.بۇ ئاياللارنىڭ كىچكى 20ياشتىن ھالقىغان چوڭلىرى 60ياشلارغا كىرىپ قالغان مومايلار ئىدى،لېكىن ئەينىدى ھاجىم ھەممە كىشىگە ئوخشاشلا؛
-پېقىر ئۆيلەنمىگەن،-دەپ جاۋاب بەردى.
ھاجىمنىڭ بۇ سۆزىنى كىشىلەر چۈشىنەلمەي قالدى،ھاجىم راستىنلا ھازىرغىچە ئۆيلەنمىگەنمۇ؟گايى ئۇزۇن قۇلاق كىشىلەرنىڭ ئەينىدى ھاجىمنىڭ تۇغقانلىرىدىن خەۋەر تېپىشىچە،ھاجىم19قېتىم ۋاقىتلىق خوتۇن ئالغانمىش،ئەينىدى ھاجىم ئۆز يىزىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىزىدىكى قېرىنداشلىرىغا بىردىن كېيىن يېزىدىكى قېرىنداشلىرىغا بىردىن ئات ھارۋىسى ئېلىپ بەردى.بۇ يىزىدىكى كونىراپ ھۇلى ئىچىگە،تېمى تېشىغا چىقىپ قالغان كونا مەسچىت چىقىپ ئورنىغا ھاجىمنىڭ پۇل چىقىرىش ۋە باشچىلىقى بىلەن ھەش-پەش دېگۈچە خىشتىن مەسچىت سېلىنىپ(ئەينىدىن ھاجىم ئۆزى ئىماملىققا سايلاندى.كىشىلەرنىڭ تەلپى بىلەن ھاجىمنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان كەڭرى قورۇسىدا ھەر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى ئون ئوغۇل،تۆت قىز دىندىن ساۋاق ئېلىش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنىدى،ھەر كۈنى كەچتە ھاجىمنىڭ قورۇسىدىن ئايەت يادلاۋاتقان بالىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولدى،ئەينىدىن ھاجىمنىڭ كۈنلىرى توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراق ۋە باشقا ئىشلار بىلەن ھەقىقەتەن باياشاد،ئالدىراش ئۆتمەكتە، قىزلار بولسا نۆۋەت بىلەن ھاجىمنىڭ خىزمىتنى بىچا كەلتۈرمەكتە ئىدى.
نامازدىگەرگە ئەزان ئېيتىلدى،كۈن قىزىرىپ قورۇدىكى بىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخدە پىشىپ يېتىلگەن ئۈرۈكلەرنى يالتىرىتىۋەتتى،گۈلھەپىزەم سەينانى پاكىز تازىلاپ سۇ چاچتى،ئاندىن تاماق يەتتەرلىقىنى تەقمۇ-تەق قىلىپ قويۇپ جەينىمازنى ئۈژمە سايىسدىكى كاتقا سېلىپ سۈرە يادىلاپ ئولتۇراتتى،تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئالدىغا(توك)قىلىپ بىر ئالما چۈشتى.قىز بۇ ئەتراپتا ئۆزىدىن باشقا بىرەر ئادەمنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلمىغاچقا چۆچۈپ كېتىپ بېشىنى كۆتەردى.
ئەينىدىن ھاجىمنىڭ ئىنىسىنىڭ قىزى ئايشەمگۈل ئۆگزىدە كۈلۈپ تۇراتتى.
-ئايەت ئوقۇۋاتقاندا ئۇنى ئۈزۈپ قويسا گۇناھ بولىدۇ،بۈگۈن ماڭا چاقچاق قىلىپ ئايەتنى بۇزدۇڭ،ئىلاھىم گۇناھيىم ساڭا بولسۇن،-دېدى ئۇ رەنجىگەن قىياپەتتە.
-ماقۇل چوڭ ئانا،بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قىلماي-ئايشەم مەسخىرىلىك كۈلدى.
-خەپ يېنىمغا كېلەرسەن،-دېدى گۈلھەپىزەم ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ،-شۇ ۋاقىتىدا كۆرىسەن تېخى!
-ھازىردىن باشلاپ مېنى مۇشۇنداق باشقۇرغىلى تۇرساڭ،ئەتە-ئۆگۈن تېخى كۆردىغىنىم بار ئوخشايدۇ ھە،قوشناچ.
-نېمە؟نېمە دېدىڭ؟-قىزنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى، ئايشەم گۈلھەپىزەمنىڭ چىرايىدىكى خاپىلىقنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ باشقىچە بولۇپ كەتتى،ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇپلا ئۆز سەيناسىغا چۈشۈپ كەتتى.
گۈلھەپىزەمنى نېمە ئۈچۈندۇر قورقۇنچ باسقاندەك بولۇپ بەدەنلىرى تىتىرەپ كەتتى.(قۇشناچ)-بۇ نېمە گەپ؟گەپنىڭ تېگىدە گەپ بارمۇ قانداق؟ئۇ سەينادا ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭاتتى.خۇددى قەپەزدىكى قۇش سۇغا،ساپ ھاۋاغا تەشنا بولغاندەك ئۇمۇ ھازىر بىرسىنىڭ ياردىمىگە،برىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەشنادەك ئىدى.(قۇشناچ)دېگەن سۆز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە تەكرارلىناتتى.
ئايشەم ئۇنىڭغا نېمىشقا بۇنداق گەپنى قىلدىغاندۇ؟…
ئىشىك قېقىلدى،ئۇ تىتىرىگە قوللىرى بىلەنە دەرۋازىنىڭ تاقىقىنى ئېلىۋەتتى.ئەينىدىم ھاجىم ئىككى تەرەپكە ئىغاڭلاپ مېڭىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.ئەينىدىن ھاجىمنىڭ ھوجرىسى شام يۇرۇقىدا گۇڭگا يورۇپ تۇراتتى،خۇپتەندىن كېيىن گۈلھەپىزەم داستىخاننى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ئورنىدىن تۇردى.ئۇ ئەدەب بىلەن؛
-ھاجىم دادا،مەن چىقىپ كەتتىم،-دەپ رۇخسەت سوردى.
ئەينىدىن ھاجىم ئىنتايىن سىپايىلىق بىلەن؛
-سەل تەخىر قىل،قىزىم-دېدى بوغۇق ئاۋازدا،-ساڭا ھازىر بىر نەرسە كۆرسىتىمەن.
ئەينىدىن ھاجىم ئورنىدىن تۇرغاچ بېلىدىن كېچە-كۈندۈز ئايرىلمايدىغان تۆتلۈك بىرزىنىت كەمەرنى يېشىپ يەرگە قويدى-دە،ئۇنىڭ ئىچ تەرىپىگە تىكىلگەن يەردىن ئىككى دانە تىللانى چىقىرىپ قىزغا ئۇزاتتى.
-بۇ نېمە ھاجىم دادا؟-دەپ سورىدى قىز ھەيران بولۇپ.
-تىللا دېگەن شۇ.
-بۇنى نېمە قىلدۇ؟
-تىللا دېگەن ناھايىتى قىممەت باھالىق نەرسە،ئۇنى خەجلىسەڭ پۇل،كىيسەڭ كىيىم،سالساڭ زىبۇ-زىننەت….قىز بىر قولىدا شامنى تۇتۇپ تۇرۇپ،بىر قولىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان تىللالارنى كۆزىگە يېقىپ ئەكىلىپ ئۆرۈپ جۆرۈپ قارىدى.
-بۇ قانچە پۇلغا يارايدۇ؟-سورىدى قىز قىزىقىش بىلەن.
– ئۇنى سوراپ نېمە قىلسەن نادان قىز،سېپىنى سورىماي ئزۈمنى يە،دەپتىكەن،-ھاجىم خىرىلداپ كۈلدى،-بۇنى ئاناڭغا بەرگىن،چىشىنى سالدۇرۋالسۇن،-دېدى قىزنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراپ.
-ياق،ياق،ئۆزلىرى بىرەلا،-دەپلا تىللانى ھاجىمغا ئۇزاتتى،ھاجىم تىللا بىلەن قوشۇپ قىزنىڭ كۈچلۈك،توم بىلەكلىرىنى تۇتۇۋالدى،قىزنىڭ قوللىرىدا زەھەرلىك چار يىلان ماڭغاندەك بولۇپ سەسكىنىپ كەتتى،كۆز ئالدىدا خېزىردەك ھۆرمەتكە ئىگە ئەيىندىن ھاجىمنىڭ بۇنداق قىلىشىدىن ھودۇقۇپ كەتكەن قىزنىڭ قولىدىن تىللامۇ،شاممۇ چۈشۈپ كەتتى،شام قىزنىڭ كۆينەكلىرىنىڭ ئېتەكلىرىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى،قىز قاراڭغۇ زۇلمەت باسقان ئۆيدە مەر-مەر تاشتىن ياسالغان مەبۇتتەك قېتىپلا قالغانىدى.
مەنبە؛تارىم ژۇرنىلى
发自 WordPress for Android