كىتاب ئوقۇشنى بالىلىق چاغدىن باشلاش كېرەك

يوللانغان ۋاقتى : 2013-05-02 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 137 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

كىتاب ئوقۇشنى بالىلىق چاغدىن باشلاش كېرەك

 
جۇ يۇڭشىن

 

  مەن ئىلگىرى گەنسۇ، گۈيجۇ قاتارلىق جايلارغا تەكشۈرۈشكە بارغانىدىم، ئۇ يەرلەردىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھېچقانداق دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقى يوق ئىكەن. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارمۇ كىتاب ئوقۇمايدىكەن. بۇنداق ئەھۋال ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەنسىرىتىدۇ.

  ئامېرىكا فىزىئولوگلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، قۇرامىغا يەتكەنلەر كىتاب ئوقۇغاندا مېڭىسىنىڭ بىر تەرىپىنى ئىشلىتىدىكەن، بالىلار كىتاب ئوقۇغاندا بولسا ئۇلارنىڭ ئوڭ – سول مېڭىسى تەڭلا ئىشلەيدىكەن. ئاتا – ئانىلار بالىلىرى بەش ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا دائىم  ھېكايە ئېيتىپ بەرسە، بۇ بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن. گرىم ‹‹غايىب بولغان بالىلىق ۋە باشقىلار›› دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن: پەقەت بالىلىق چاغلاردا ئوقۇغان كىتاب كىشىنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ھەر بىركىشىنىڭ 14 ياشتىن ئىلگىرى ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئالغان تەسىراتى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. 

  ئاڭلىق كىتاب ئوقۇش ناھايىتى مۇھىم، لېكىن بۇ مەكتەپ تەربىيىسى مۇھىم ئەمەس، دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەكتەپ تەربىيىسى ئوزۇقلۇق تەركىبى مول ئانا سۈتىگە ئوخشايدۇ، لېكىن 30 ياشقا كىرگەندىمۇ، يەنىلا ئانىڭىزنى ئەمسىڭىز يېتىلىشى بىنورمال بالىغا ئوخشاپ قالىسىز. ئۆز ئالدىڭىزغا تاماق يېيەلەيدىغان ھەم ھەر خىل  ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلالايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. ئاڭلىق كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرمىسىڭىز،  روھىي جەھەتتە مەڭگۈ مۇستەقىل بولالمايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىق  چاغلىرىڭىزدىن باشلاپ ياخشى كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك.

  ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىنىڭ  ئادەمنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن ئېچىرقاش مەزگىلى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپ مەزگىلىدە، بالىلاردا بىلىمگە ئىنتىلىش، دۇنياغا قىزىقىش كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھاياتلىق توغرىسىدا نۇرغۇن سوئال تۇغۇلىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلنى جەزمەن چىڭ تۇتۇش كېرەك، بۇ مەزگىلدە كىتاب ئوقۇش ئىنتايىن مۇھىم، بۇنى قانداق تەكىتلىسەك ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.

  ئەپسۇسلىنارلىقى، نۇرغۇن مەكتەپلىرىمىز ئادەم تەربىيىلەش بىلەن ئەمەس، بەلكى بالىلارنى مەشىقلەندۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئىمتىھان مائارىپىنىڭ تەسىرى داۋاملىق كۈچىيىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى كىتاب ئوقۇش چەتكە قېقىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن سەبىي بالا كىتاب ئوقۇش لەززىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇلاردا بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا  كىتاب ئوقۇشقا سەل قارايدىغان، كىتاب ئوقۇ، دېسە بېشى ئاغرىيدىغان كەيپىيات شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

  ھەقىقىي مەنىدىكى كىتاب ئوقۇشقا بالىلىق چاغلاردىن باشلاپ كىرىشىش كېرەك، بۇ ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتىكى بىر بۆسۈش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى  2009– يىل6– ئاينىڭ11– كۈنىدىكى سانىدىن ئىلىندى.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *