لاياقەتلىك قېينانا بولالامسىز؟
1. ئوغلىڭىز (قىزىڭىز) نى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفون بەرگىنىڭىزدە ، تېلىفوننى كېلىنىڭىز (كۈيئوغلىڭىز )ئالسا ،ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىشنى ئۇنتىماڭ .
2. ئەگەر ئوغلىڭىز قايتا نىكاھلانغان بولسا ، كېلىنىڭىز ئالدىدا ئۇنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇشى ، يېقىن ئۆتكەن قىز دوستلىرى ئۈستىدە پاراڭ قىلىشتىن ساقلىنىڭ .
3. ئوغلىڭىز تەلەپ قىلمىسا ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا ئارلاشماڭ .
4. كېلىنىڭىز ياكى نەۋرىڭىزنىڭ بىرەر پارچە سۈرئىتىنى ئۆيىڭىزگە ئېسىپ قويسىڭىز ، كېلىنىڭىز سىزگە تېخىمۇ كۆپ ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشى مۇمكىن .
5. كېلىنىڭىزنىڭ ئالدىدا ئوغلىڭىزنىڭ يېقىندىن بۇيان ئورۇقلاپ قالغانلىقى ياكى ھارغىن كۆرۈنۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا گەپ قىلماڭ .
6. كېلىنىڭىز سوۋغات بەرگەندە ، چوقۇم بۇ سوۋغاتنى ياقتۇرغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ ھەم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇماڭ .
7. ھېيت–بايرام ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇلارنىڭ يېنىڭىزدا بولۇشىنى تەلەپ قىلماڭ ، بەزىدە ئۇلارنىڭمۇ ئايرىم بايرام ئۆتكۈزگۈسى كېلىدۇ .
8. كۈيئوغلىڭىز ۋە كېلىنىڭىزنىڭ ئەيىبىنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمەڭ .