ئېتىقاد

يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-01 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 130 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ھەقىقىي ئېتىقاد روزا-رامزان، ئىبادەتخانا-چېركاۋلارنىڭ تەرتىپىنى ئەستە ساقلاش ۋە ئاللىقانداق ئىبادەت كىتابلىرىنى ئوقۇش ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر بىر قۇتلۇق كۈنى پاك، ھالال ياشاش، ھەقەمسايىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش. مانا بۇ ھەقىقىي ئېتىقادتۇر.
ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئاقىللىرى كىشىلەرگە شۇنداق تەلىم بېرىدۇ: ئېتىقادىڭىزدىكى جىمى زۆرۈرىيەتسىز نەرسىلەر−جىسمانىي، ماددىي ۋە شەكىلگە ئىگە نەرسىلەرنىڭ تازىلىنىپ كېتىشىدىن قورقماڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋى نېگىزىڭىزنى قانچىكى تازىلاپ-رەتلەپ تۇرسىڭىز، سىز سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ قانۇنىيىتىنى شۇنچە ياخشى چۈشىنەلەيسىز.
ھاياتتىكى بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سىز ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلسىڭىز، ياخشى ئادەم بولسىڭىزلا كۇپايە، باشقا نەرسىنىڭ كېرىكى يوق.
دىن مەۋجۇت بولمىسا، جەمئىيەت مېھرىبانلىق ۋە ئاقىلانىلىك بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. دىن بولمىسا، باشقىلارغا زورلۇق قىلىسىز، ئەمما ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرەلمەيسىز.

6-ئاينىڭ 1-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *