تۇرمۇش ھېكمەتلىرى
تۇرمۇش ھېكمەتلىرى
ئەدەب-ئەخلاقلىق بولسىڭىز، ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىز.
ئۆزئارا ياردەم قىلسىڭىز، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىز.
ئۆزئارا ئىناق ئۆتسىڭىز، خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيسىز.
تىرىشچان بولسىڭىز، نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىرادىلىك بولسىڭىز، ئارزۇ-مەقسەتكە يېتەلەيسىز.
ئىلمىي تۇرمۇشقا بېرىلسىڭىز، ساغلاملىققا ئېرىشەلەيسىز.
رەتلىك، پاكىز بولسىڭىز، كۆڭۈل ئازادىلىككە ئېرىشەلەيسىز.
پاك-دىيانەتلىك بولسىڭىز، بەھۇزۇر ياشىيالايسىز.
كىتابنى دوست تۇتسىڭىز، باي مەنىۋىيەتكە ئېرىشەلەيسىز.
بىلىم، ھۈنەر ئۆگەنسىڭىز، خار بولمايسىز.
ئىسراپچىلىق قىلمىسىڭىز، ئاچ-يالىڭاچ قالمايسىز.
تىرىشىپ ئىشلىسىڭىز، پۇلسىز قالمايسىز.
تەكەببۇرلۇق قىلمىسىڭىز، دوستسىز قالمايسىز.
ئاچكۆزلۈك قىلمىسىڭىز، خىجالەتچىلىكتە قالمايسىز.
ئەلنى سۆيسىڭىز، سۆيۈنۈشكە ئېرىشەلەيسىز.
باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز، كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلەيسىز.
دانىشمەنلەردىن دوست تۇتسىڭىز، نىشانسىز قالمايسىز.
ئۈمىدۋار بولسىڭىز، چۈشكۈنلەشمەيسىز.
ئەپۇچان بولسىڭىز ، خۇشاللىق تاپالايسىز.
سودىدا ئادىل بولسىڭىز، بەرىكەت تاپالايسىز.
سەمىمىي بولسىڭىز، ئىشەنچكە ئېرىشەلەيسىز.
قانائەتچان بولسىڭىز، بەخت ھېس قىلالايسىز.
ئاتا – ئانىڭىزنى قەدىرلىسىڭىز، پۇشايماندا قالمايسىز.
پەرزەنتىڭىزنى ئوبدان تەربىيەلىسىڭىز، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايسىز.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى