«گامنام ئۇسلۇبى(Gangnam Style)» ۋە كورىيەدىكى باي-نامراتلىق پەرقى
«گامنام ئۇسلۇبى(Gangnam Style)» ۋە كورىيەدىكى باي-نامراتلىق پەرقى
يېقىندا كورىيەنىڭ «گامنام ئۇسلۇبى» ناملىق ئۇسسۇل ناخشىسى پۈتۈن دۇنيادا تارقىتىلىپ، گامنام قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، ھەتتا ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق چولپانلىرىمۇ بۇ ناخشىنىڭ MTV سىدىكى ئات مىنىش ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى دوراشقا باشلىدى، ئەمما كىشىلەر گامنام ئۇسلۇبىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەندە، بۇ ناخشىدا ئەمەلىيەتتە كورىيەدىكى باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
«گامنام ئۇسلۇبى» ناملىق ناخشىدا «مەن گامنام ئۇسلۇبى» دېگەن بىر جۈملە ناخشا تېكىستى قايتىلىپ ئېيتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كورىيەدە نۇرغۇن كىشىلەر «گامنام ئۇسلۇبى» ناملىق بۇ ناخشىدا كورىيەدىكى باي-نامراتلىق پەرقىنى مەسخىرە قىلىنغان دەپ قاراشقان.
«گامنام ئۇسلۇبى» ناملىق بۇ ناخشا بىر كېچىدىلا كورىيەدە ئەڭ كەڭ تارقالغان مودا سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، 1977-يىلى تۇغۇلغان ناخشىچى « PSYتاغا»نىڭ «ئات مېنىش ئۇسۇلى» زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇپ، چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ تالىشىپ تۇرۇپ دورايدىغان ئۇسسۇل ھەركىتى بولۇپ قالغان.
7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بولغان ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، «گامنام ئۇسلۇبى» ناملىق بۇ ناخشىنىڭ YouTube دىكى چېكىلىش نىسپىتى 300 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ ناخشىنى ئورۇنلىغۇچىPSY مۇ بۇ ناخشىسىغا تايىنىپ YouTube تورىدا چېكىلىش نىسپىتى بىر مىليون قېتىمدىن ئاشقان كورىيەلىك ناخشىچى بولۇپ قالغان، ھەمدە خەلقئارا جىننېس رېكوتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەن. «گامنام ئۇسلۇبى» نامىلىق بۇ ناخشا ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، گوللاندىيە، يېڭى زېنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ناخشا شەرەپ تىزىملىكىدە بىرىنجى ئورۇنغا چىقىپ، كورىيەلىك ناخشىچىلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى رېكورتىنى ياراتقان.
«گامنام ئۇسلۇبى» ناملىق بۇ ناخشىنى دەل بۇ ناخشىنىڭ ئورۇنلىغۇچىسى كورىيەلىك ناخشىچىPSY ئىجاد قىلغان. بۇ ناخشىدىكى گامنام ئەمەلىيەتتە كورىيەنىڭ پايتەختى سېئولدىكى بايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوننى كۆرسىتىدۇ. گامنام رايونىدا، Tower Palace(تاۋور پەلەس)دەپ ئاتالغان ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇ بىناسى بار بولۇپ، نۇرغۇن بايلار بۇ يەردە تۇرىدۇ. سېئولدىكى يەر باھاسى ئەڭ قىممەت بولغان بۇ مەركىزى ئورۇندىكى ئولتۇراق رايوندا سىياسىي سەھنىدىكىلەر، سودا ساھەسىدىكىلەر ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى چولپانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
گامنام رايونىدا، ئەڭ ياخشى مەكتەپ ۋە دەرستىن سىرتقىي ئۆگىنىش سىنىپلىرى بار. بۇ يەردە، بالىلار ئەڭ ياخشى تەربىيەگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، بالىلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيسىنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدىغان كورىيەلىك ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مائارىپ مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭلاشقا بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆي-مۈلىكىنى سېتىپ، گامنام رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ.
گامنام رايونىدا، ھۆسۈن تۈزەش دوختۇرخانىلىرى، ئالىي دەرىجىلىك قاۋاقخانا، ھەشەمەتلىك سودا-سارايلار توپلاشقان بولۇپ، بۇ رايوننىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى، بۇ يەردىكى كىشىلەر قىممەت باھالىق، مودا كىيملەرنى كىيىپلا قالماستىن ھۆسىن تۈزەشنىمۇ ئادەتتىكى بىر ئىش دەپ قارىشىدۇ. شۇڭا «گامنام» رايونى كورىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە «مودا» ۋە «باياشات» تۇرمۇشنىڭ سىموۋۋولى. شۇڭلاشقىمۇ «گامنام» رايونىغا بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش كۆپ قىسىم كورىيەلىكلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە قوغلىشىدىغان تۇرمۇش نىشانى بولۇپ قالغان.
«گامنام ئۇسلۇبى»نىڭ ئىجادچىسىPSY نىڭ ئەسلى ئىسمى پاك جاساڭ بولۇپ، ناھايىتى باي ئائىلىدە تۇغۇلغان. دادىسى يۇمشاق دېتال شېركىتىنىڭ خوجايىنى، ئۇ گامنام رايونىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئائىلىسىدىلەر ئۇنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىپ ئوقۇتقان، ئۇ ئامېرىكا باكلىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇزىكا ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. كورىيەدىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «گامنام ئۇسلۇبى»دىكىPSY نىڭ كىچىكىدىن ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۇنى بەڭباش، ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان قىلىپ قويغان. ئۇ ئىلگىرى مەزمۇنى چەكلەنگەن مۇزىكىلارنى ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلىگەن مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە سېتىلىشى چەكلەنگەن. ئۇ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ باكلىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سودا-تىجارەت پەنىدە ئۇقۇغىن دەپ بەرگەن پۇلىنى ئاپىرىپ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغان. كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئاداشقان بالىنىڭ يامان يولدىن قايتقانلىقىنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىغان.
«گامنام ئۇسلۇبى» ناملىق ناخشىنىڭ MTV سىدا خۇددى ناخشا تېكىسىدا دېيىلگەندەك : «مەن گامنام ئۇسلۇبى، قاراشتا ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئەمما ئويناشىنى بىلىدىغان ئەر، ئىدىيەسى مۇسكۇللاردىنمۇ تەرەققىي قىلغان ئەر…قىزچاق، تەنناز قىز، قاراشتا مۇلايىم ئەمما ئويناشنى بىلىدىغان قىزچاق» دىگەندەك گامنان رايونىدىكى پۇلدارلارنىڭ ئويۇن تاماشا، يەپ-ئىچىش بىلەن ئۆتىدىغان ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن .
گامنام رايونى ئېيتىلىشتا بايلار رايونى بولسىمۇ، بۇ يەردىمۇ بايلار ۋە نامراتلارنىڭ پەرقى يەنىلا مەۋجۈت. بۇ رايوندا كورىيەدىكى ئەڭ چوڭ بايلار، ئەڭ ياخشى مەكتەپلەر بار بولغاندىن سىرت، شۇ ھەشەمەتلىك بىنالارنىڭ ئارىسىدا كونا پاسوندىكى پاكار-پاكار ئولتۇراق ئۆيلەرمۇ بار. بۇ يەرلەر «گامنامدىكى نامراتلار رايون» نى دەپ ئاتىلىدۇ.
«گامنام ئۇسلۇبى»نىڭ بۇنچىلىك نام قازىنىشىنىPSY نىڭ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولۇپ، بۇنچىلىك غۇلغۇلىنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەيلا قالغان. كورىيەلىكلەرنىڭ قارىشىچە، «گامنام ئۇسلۇبى»نىڭ كورىيەدە بۇنچىلىك نام چىقىرىشىدىكى سەۋەب، ناخشىنىڭ يېنىك، قىزىقارلىق ئۇسلۇپتا بولغانلىقى بولۇپ، بىر «سېمىز ئەر»نىڭ كۈلكىلىك ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇسۇل ئوينىشى، ناخشا تېكىستىنى قايتىلاپ ئېيتىشى ئاددىي پۇقراغا يىقىشلىق ۋە قىزغىن تەسىر بەرگەن. «گامنام ئۇسلۇبى»غا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ناخشا ئەمەلىيەتكە تېخمۇ يېقىن.
كورىيەدە «چىرايلىق بولسىلا ھەممىنى كەچۈرۋەتكىلى بولىدۇ» دەيدىغان مودا سۆزى بار بولۇپ، ئەمما «گامنام ئۇسلۇبى» ناملىق بۇ ناخشىنىڭ MTV سىدا كورىيەلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي گۈزەللىك قارىشى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلانغان. ئۇنىڭ كۈلكىلىك ئات مىنىش ئۇسۇلى، ئاشۇرۋەتكەن چىراي ئىپادىسى، ھېچنىمە بىلەن كارى يوق ھالىتى دەل سېئولدىكى بايلار ۋە مودا رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مەسخىرە قىلغان.
«گامنام ئۇسلۇبى» نىڭ نام چىقىرىشىدا Twitter,YouTube قاتارلىق تور ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولغان. داڭلىق شەخسىلەرنىڭ «گامنام ئۇسلۇبى»نى دورىشىمۇ بۇ ناخشىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
«گامنام ئۇسلۇبى» ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرگە سىڭىپ كىرگەن، چوڭ شىركەتلەر «گامنام ئۇسلۇبى»غا ئوخشىتىپ ھەرخىل ئېلانلارنى ئىشلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، كورىيە سامسوڭ شىركىتىمۇ «سامسوڭ ئۇسلۇبى» ناملىق ئېلاننى بەرمەكچى بولىۋېتىپتۇ.
10-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، PSY سېئول مەيدانىدا بېلەتسىز ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن، بۇ ناخشا كېچىلىكى 80مىڭ ناخشا مەستانىلىرىنى جەلىپ قىلغان، بۇ ناخشا كىچىلىكىنىڭ نەق مەيداندىكى ئەھۋالىنى 2002-يىلدىكى كورىيە ياپونىيە خەلقارالىق پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولىدىكەن.
ھازىر، PSY ئون شىركەتنىڭ ئېلان تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ ئىلگىرى چىرايلىق، كېلىشكەن ئەر چولپانلارلا چىقىدىغان ئالاقىلىشىش قورالى، كىيىم-كېچەك ئېلانلىرىنى قولىغا ئالغان. بىر كېچىدىلا داڭلىق چولپانلار سېپىگە قوشۇلغان.
كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «گامنام ئۇسلۇبى»نىڭ نەشىر ھوقۇقى، ئېلان قاتارلىق پۈتۈن دۇنيادىن كىرگەن كىرىمى 300مىليارد كورىيە پۇلىغا يەتكەن. ئەمما، 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا PSY تاراتقۇلارغا مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن: گامنام ئۇسلۇبىدىن كىرىدىغان كىرىمنىڭ ئاخىرقى ھىساپاتى تېخى چىقمىدى، بۈگۈنگە كەلگۈچە مەن تېخى بىر پۇڭ پۇلمۇ ئالغىنىم يوق.
ئەمما PSY بۇ ناخشىنىڭ كىرىمىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىن ياخشى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان.
كورىيە پارلامېنتىنىڭ 4-ئۆكتەبىر ئېلىپ بېرىلغان «مۇزىكا بازىرىدىكى باشلىقلار يىغىنى»دا ئېلان قىلغان مۆلچەرىگە قارىغاندا، PSY قاراشلىق بولغان ۋاستىچىلىك شىركىتىYG كۆڭۈل ئېچىش شىركىتىنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان مەلۇماتىدا بۇ ناخشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھېساباتى ئېلان قىلىنمىغان، ئەمما مۆلچەرگە قارىغانداPSY نىڭ كورىيەدىكى ئومومىي كىرىمى 500مىليون كورىيە پۇلى ئەتراپىدا بولىدىكەن.
تەرجىمان: مۇنىرە مەمەت