مۇۋاپىق قائىدە بولغاندىلا بالىلار ياخشى چوڭ بولىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 181 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئوبامانىڭ بالا تەربىيىلەش دەستۇرى :

بۇ يىلقى ئاتىلار بايرىمى ھارپىسىدا ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە قايتىپ قويۇپ ، بىر قېتىملىق ئاتىلار بايرىمى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ، ئۆزىنىڭ بالا تەربىيىلەش ۋە ئاتىلىق بۇرچ توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى يىغىنى ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان .

بىر ئوقۇغۇچى ئوبامادىن :‹‹زۇڭتۇڭ بولۇش بىلەن دادا بولۇشنىڭ قايسىسى مەنىلىق؟›› دەپ سورىغاندا ، ئوباما :‹‹ دادا بولۇشتىنمۇ مەنىلىك ئىش بولمىسا كېرەك ›› دەپ جاۋاب بەردى .

ئوبامانىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇ بىر قېتىم قىزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاتا – ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقاندا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇنىڭ قىزلىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ ناھايتى ھاياجانلانغان . ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ، ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنى زۇڭتۇڭ بولغان چاغدىكىدىنمۇ پەخىرلىك ھېس قىلغان .

ئوبامانىڭ قارىشىچە ، بىر دادىغا  نىسبەتەن بالىلار بىلەن بىللە بولغان ھەر بىر مىنۇتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈشلا مۇھىم بولۇپ قالماي ، بەلكى يەنە مەسلە كۆرۈلگەندە ئۇلارغا يارىدەم بېرىش ، ئۇلارغا چىدام ۋە غەيرەت ، تىرىشىش ۋە ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەشنى ئۆگىتىش ، شۇنداقلا ئۇلارغا توغرا دۇنيا قارىشى ، كىشىلىك قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم ئىكەن . بالىلار قەلبىدە ‹‹مۇكەممەل دادا››لىق ئوبرازنى تىكلەش ۋە كەلگۈسىدىكى غالىبلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ، بەزىدە بەلگىلىك ئائىلە تۈزۈمى ، قائىدىسى ۋە مۇۋاپىق دىكتاتورا يۈرگۈزۈشمۇ زۆرۈرىيەت بولۇپ قالىدىكەن .

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *