پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار.

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 149 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئاتا – ئانىلار پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا پەرزەنت ساپاسىنى يېتىلدۈرگۈچى تۇنجى تەربىيىچىدۇر.
پەرزەنت تۇغۇلۇپ مەكتەپ يېشىغىچە ئاتا – ئانىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. پەرزەنتتە دەسلەپكى شەرتلىك رېفلېكسنىڭ باشلىنىشىدىن تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇقۇم پەيدا بولۇش قاتارلىق جەريانلارغا ئاتا – ئانىنىڭ پسىخىكىسى، تۇرمۇش ئادىتى، ئەخلاقى … قاتارلىقلار بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئاتا – ئانىلار پەرزەنتىدە ياخشى پسىخىك ئالاھىدىلىك ۋە تۇرمۇش ئادىتى، شۇنداقلا گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرىمەن، دەيدىكەن، پەرزەنت تۇغۇلغاندىن كېيىنلا، ئۆزىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان كۆرسەتمىلىك رولىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئانا پەرزەنت پسىخىكىسىنىڭ يېتىلىشى، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى ۋە كېيىنكى قابىلىيەتلىرىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەتقىق قىلىنىشىچە، كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ يېتىلىشىنى ئاساسەن ئانىنىڭ ئېسىل ئەخلاقى ۋە توغرا يېتەكچىلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.
ئاتىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان تەسىرىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ئائىلىدە ئاتا بولمىسا، پەرزەنتنىڭ يۈرىكى كىچىك بولۇپ يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئائىلىدە ئاتا بولسا پەرزەنتتە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بولىدۇ، ئاتىنىڭ قىيىنچىلىق ۋە كېلىشمەسلىككە تۇتقان پوزىتسىيىسى پەرزەنتنىڭ ئىرادىسنى چېنىقتۇرىدۇ، ئاتا پەرزەنتىگە قاتتىق تەلەپ قويسا، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، دائىم كۆڭۈل بۆلسە، پەرزەنتنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، كېيىنكى ئۇتۇق قازىنىشىغا ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ.
دېمەك، ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدا قانداشلىق مۇناسىۋەت بولغانلىقتىن، پەرزەنت چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ئاتا – ئانىنىڭ يوليورۇق كۆرسىتىشىدىن، ياردەم قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەسىلەن: مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىش، كەسىپ تاللاش، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىش، سىياسىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش قاتارلىقلاردا ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىگە ئەتراپلىق ياردەم قىلىدۇ.
ئومۇمەن، پەرزەنت ساپاسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئاتا – ئانىنىڭ رولىنى ھېچقانداق نەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ.
مېنىڭچە، ياش ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيىلەشتە تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. ئائىلە ئىناقلىقىنى، يەنى ئىناق، باراۋەر، دېموكراتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ياخشى ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىشى ؛ 2. يۈرۈش – تۇرۇشتا ئىلمىي، گەپ – سۆزدە سىلىق، سۆز – ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردە پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇشى؛ 3.پەرزەنتنى ئائىلىدە چامى يېتىدىغان ئىشلارغا سېلىپ، ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى؛ 4.پەرزەنتلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش ئۈچۈن، پەن – مەدەنىيەت، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەرگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى؛ 5.پەرزەنتلىرىگە سەمىمىي ئادەم بولۇش تەربىيىسىنى بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، قانۇن – تۈزۈم ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى؛ 6. دۆلەت، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىلەش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇشى، پەرزەنتىنى ئاسرىشى، ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشى، زىيادە ئامراقلىق قىلماسلىقى، ئاددىي – ساددا، ئىقتىسادچان ئادەت يېتىلدۈرۈشكە، مەكتەپ، جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، تەلىم – تەربىيىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *