ۋىجدان
ئىنساننىڭ ئىنسانلىق قىممىتى ئۇنىڭ قۇرۇق گەۋدىسى ، گەپدانلىقى ۋە رەڭگى – قىياپىتىدە بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ روھىيەت دۇنياسىغا – يەنى ئەقىدە ئېتىقادى، ئەمەلىيىتى ۋە ساخاۋىتى، تەپەككۇر ئىقتىدارى ، ئەقىل – ھوشى ۋە مەنىۋىيتىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق ئىنسانلىق قىممىتمىزنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، چوقۇم ۋىجدانىمىز كۆتۈرگۈدەك ئىش قىلىشمىز كېرەك .
ۋىجدان – ئۇ پەزىلەت مەدەنىيتىدىن يورۇغان چىراغ . ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەقىل دانىشمىنى ۋە ئەخلاق قازىسى .
ھازىر جەمئىيتىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى پۇلغا يۈزلەندى . پۇل تېپىش ئىنسانلارنىڭ شۇئارىغا ئايلاندى. بىراق ، ھەر كىشىنىڭ ئىديسى ئوخشاش بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ، بەزى كىشلەر ئۆز ۋىجدانى ئارقىلىق پۇل تېپىپ جېنىنى بېقىۋاتىدۇ. بىراق يەنە بىر قىسىم كىشلىرىمىزچۇ ؟ ئۇلار ھارام نيەت بىلەن كەيىپ – ساپاغا ئۆزىنى ئۇرۇپ ، جىنايەت يوللىرىغا، چىرىكلىككە ، ھەم ئەڭ پاجئەلىك ئاقىۋەتلەرگە قېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، بۇلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھۋالغا قالدى؟
چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ، ئىنسانىي پەزىلىتى ، غورۇرىغا يات ھالدا ئىش كۆردى .
ۋىجدان _ پاك، ئالىيجاناپ ، مۇقەددەس ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچتۇر. ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق سالاھىيتىنى يوقاتقان ، ئار – نومۇس ، شۆھرەت – ئىپتىخار ھېسياتى قالمىغان كىشلەر ۋىجدانىنى يوقاتقان كىشلەردۇر . بۇلار ھەر قانچە ئالتۇندىن تاج كىيىۋالسىمۇ ، ھالاكەت ھاڭىغا دومىلاسشتىن ئۆزىنى قۇتقۇزۋالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئىنسانىي پەزىلىتى ، ۋىجىدانى بويىچە ياشىشى كېرەك . ۋىجدان – ئىنسان ھاياتىنىڭ ئادىل يىتەكچىسى .