روھنىڭ بىردەكلىكى
روھنىڭ بىردەكلىكى
ئۆزىنىڭ تېنى ئۈچۈنلا ياشاش، مانا بۇ ئۆزىنى تۈرمە-زىندانغا تۇتۇپ بەرگەندەك ئىش. ئۆزىنىڭ روھى ئۈچۈن ياشاش، ئاشۇ تۈرمە-زىندان ئىشىكىنى ئېچىپ، ئۆزىنى ئازاد قىلىشتۇر.
ئۆز ۋىجدانىڭىزغا سەل قارىماڭ، بەلكى ئۇنىڭ نىدالىرىغا قۇلاق سېلىڭ، سەما بۇلۇڭ . ئۇ سىزنى سىز كېرەك بولغان ھەقىقەتكە يەتكۈزىدۇ.
بىراۋلارنىڭ پىكرى ياقمىغاندا، مەن نېمە دەپ شۇنچە چېچىلىمەن؟ بىراۋلار كۆزۈمگە سىغمىسا، نېمە ئۈچۈن تىت-تىت بولىمەن؟ بىز باشقىلارنى سۆيمىسەك، پىكرىمىز بىر يەردىن چىقمايدۇ، مانا بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئولتۇراقلاشقان خۇدا پىكرىنىڭ ماس كەلمەي قېلىشىدۇر. ماھىيەتتىن قارىغاندا، بۇ بىزنىڭ ئۆز پىكرىمىزگە ماسلىشالمىغانلىقىمىزدۇر.
خۇدانىڭ ئالدىدا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا تۇرغانغا ئوخشىمايمەن. خۇدا مېنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان يەنە بىر تەرىپىمنى ئويغىتىدۇ.
10-ئاينىڭ 5-كۈنى