تاماقتىن كېيىن قىلسا بولمايدىغان كىشىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدىغان ئىشلار

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-19 / سەھىپە تۈرى : ساغلاملىق / كۆرۈلىشى : 177 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

\تاماقتىن كېيىن مېۋە-چېۋە يېيىش
ئەھۋال:نۇرغۇن ئادەم تاماقتىن كېيىن مېۋە-چېۋە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ،بۇنداق بولغاندا ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار بار،مېۋە-چېۋە ئارقىلىق تولۇقلايمەن دەپ ئويلايدۇ،يەنە تېخى ماينى سېيرىيدۇ دەپ ئويلايدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا تۇرمۇش ئادىتى.
نەتىجىسى:ۋاقىت ئۇزارغانسىرى قورساق كۆپۈش،ئىچى سۈرۈش ياكى ئىچى قىېتىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى:يېمەكلىك ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن،1~2سائەتتە ئاندىن ھەزىم بولىدۇ،ئەگەر تاماقتىن كېيىلا مېۋە يېسە باشتىكى تاماقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ توسالغۇغا ئۇچراپ مېۋە نورمال ھەزىم بولۇنمايدۇ.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى:مېۋىنى ئەڭ ياخشىسى ئىككى ۋاق تاماقنىڭ ئارلىقىدا يېيىش كېرەك.تاماقتىن كېيىن مېۋە يېيىش ئاشقازان-ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى ئارتىۋەتكەندىن سىرت،نورمال ئادەملەر ئۈچۈن مەسلىسى چوڭ ئەمەس،دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى،مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مول ئوزۇقلۇق بولغاندىن سىرت،يەنە يېمەكلىك تالالىرى بار بولۇپ،يېمەكلىك تالالىرى بىر قىسىم ئوزۇقلۇق تەركىبنىڭ ھەزىم بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،مەسلەن مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارغا دېگەندەك،شۇنىڭ ئۈچۈن مېۋىنى ئىككى ۋاق تاماق ئارلىقىدا يېيىش كېرەك،شېكەردىكى قان ماددىسى يۇقىرىلارغا نىسبەتەن،تاماقتىن كېينلار مېۋە يېيىش خەتەرلىك.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *