ئالغا يان كومپيۇتېرى دۇنياغا كەلدى
ئالغا ئېلېكترون پەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى «بىرىنچى ئەۋلاد ئالغا يان كومپيۇتېرى» 4-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي بازارغا سېلىندى. بۇ «ئالغا» شىركىتىدىكى ئىرادىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپ كۈچ ۋە زېھىن سەرپ قىلغان نەتىجە مېۋىسى بولۇپ، بازاردىكى سېتىلىش باھاسى 850 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. باھاسى، كۆرۈنۈشى ۋە ئىقتىدارى ھەرقايسى ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى ساھەدىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
بۇ مەھسۇلاتقا ھازىرقى ئەڭ ئىلغار كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى بولغان Android نىڭ ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 4.0 ئىشلىتىلگەن. مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، تۈركچە، ئەرەبچە، رۇسچە، ياپونچە، فرانسۇزچە قاتارلىق سەككىز خىل تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇشۇ تىلدىكى ھەرقانداق مەزمۇننى كۆرۈش ۋە كىرگۈزۈشنى تولۇق قوللايدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر مەشغۇلات تىلىنى مۇشۇ سەككىز خىل تىل ئىچىدىن خالىغانچە تەڭشەپ ئىشلىتەلەيدۇ.
بۇ مەھسۇلات بىر كىچىك كومپيۇتېر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلكىتاب كۆرۈش، تىل ئۆگىنىش، لۇغەت ئىشلىتىش، توردىن ماتېرىيال ئىزدەش قاتارلىق ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىقتىدارلارنى تولۇق ھازىرلىغاندىن باشقا، توردا كۆرۈنمە پاراڭلىشىش، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلارنىمۇ تولۇق ھازىرلىغان بولۇپ، ھەرقايسى ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدۇ.
بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكۈچىلەر ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى سېتىش نۇقتىلىرىدىن ياكى توردىن بىۋاسىتە سېتىۋالسا بولىدۇ.