Android مەشغۇلات سىستېمىسى ھەققىدە
دۇنيا يېڭلىقلار بىلەن تولغان بولىدۇ. يېڭلىق يارتىشلار دۇنيانى تەرەققىي تاپقۇزىدۇ. ھازىر دۇنيا IT(ئۇچۇر تېخنىكا) ساھەسىنى زىلزىلگە سلىپ بەزىلەرنى «نانىدىن ئايرىپ تاشلىغان»، بەزىلەرنى ناھايىتى زور پايدىغا ئىگە قىلغان Android مۇ Google دىكى ئەقىلدارلار ياراتقان بىر يېڭلىق ئىدى.
Android دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئەڭ دەسلەپتە 1886-يىلى فىرانسىيلىك يازغۇچى «ۋېللىر ئادام(Auguste Villiers Adam)» ئۆزىنىڭ «كەلگۈسىدىكى ئېۋا» ناملىق فانتازىيلىك رومانىدا ئوتتۇرغا قويغان ماشىنا ئادەمنىڭ ئىسمى ئىدى.
2005-يىل Android ئاتىسى Andy Rubin تەرپىدىن قۇرۇلغىنىقا ئىككى يىل بولغان Android شىركىتى Google تەرىپىدىن سىتىپ ئېلىندى.
2007-يىلى 11-ئايدا Google شىركىتى Android پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كىيىن، ئىچىۋىتلگن يانفۇن مەشغۇلات سىستىمىسى (Open Mobile Platform) ئۇقۇمىغا ئەھمىيەت بىرىشكە باشلاندى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاخبارات ۋاستىللىرى ئىچىۋىتلگن يانفۇن مەشغۇلات سىستىمىسى (Open Mobile Platform) ئۇقۇمىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۋەتتى. توردىمۇ نۇرغان غۇلغۇلا مۇنازىرلار كۆپىيىپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى Android مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلەتكەن يانفۇننى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ 2008-يىلى 9-ئايدا Android مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلەتكەن تۇنجى يانفۇن HTC Dream(يەنى (G1 ئوتتۇرىغا چىقتى.
Android بولسا (mobile device) كۆچمە ئۈسكۈنىنىڭ يۇمشاق دىتال مۇھىتىنى تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇلار Linux مەشغۇلات سىستىمىسى، ئوتتۇر قاتلامدىكى يۇمشاق دېتاللار، كۆچمە قوللىنىشچان دېتاللار قاتارلىقلاردۇر. Android گۇگىل شىركىتى قۇرۇپ چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيۇشما بولۇپ ھازىرغىچە تىلگىراف ساھاسى، كومپيۇتېر شىركەتلىرى، يانفۇن زاۋۇتلىرى، يانفۇن يۇمشاق دىتال شىركەتلىرى، ئۆزەك شىركەتلىرى قاتارلىقلار بۇ ئۇيۇشمىغا قاتناشتى ۋە قاتنىشىۋاتىدۇ.
Android دەسلەپكى پەيدا بولغان مەزگىللىرىدە كىشىلەر ئۇنى پەقەتلا بىر يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى دەپلا قارىغان ئىدى. ھەتتا symbian نىڭ باياناتچىسىمۇ Android بولسا شەكلى ئۆزگەرگەن لىنۇكىستىنلا ئىبارەت دېگەن ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە Android يانفۇن ساھەسىدىن ئاللا بۇرۇن ھالقىپ كەتتى. ھازىر Android لىق يان كومپيۇتېر، Android لىق تېلۋۇزۇ، Android لىق سائەت ۋە باشقا Android ئىشلىتىلگەن ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكىنلىرى بازارغا چىقىپ بولدى. Android4.0 گە UBS لىق قوشۇمچە ئۈسكىنىلەرنى تونۇش ئىقتىدارى مۇكەممەل قوشۇلغان بولۇپ، Android4.0 باشلاڭ بارماق دېسكا قاتارلىقلارنى تونۇپ، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇيالايدىغان بولدى. مائۇس ۋە كونۇپكا تاختا ئۇلاپ بىمالال مەشغۇلات قىلغىنى بولدىغان بولدى.بۇ ئارقىلىق Android4.0 نى سىزىمچان يان كومپيۇتېرغىلا ئەمەس بەلكى مائۇس بىلەن باشقۇرىدىغان كومپيۇتېرلارغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
Android مەشغۇلات سېستىمىسى WebKit جاھان كۆرگۈچ ماتورىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، سېزىمچان ئېكران، يۇقىرى دەرىجىلىك رەسىم كۆرسىتىش ۋە تورغا چىقىش ئېقتىدارى سەپلەنگەن. ئىشلەتكۈچىلەر ئېلىخەت تەكشۈرۈش، توربەت ئىزدەش ۋە توردا تېلىۋىزور كۆرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ. iPhone قاتارلىق تېلىفونلاردىنمۇ ئۈستۈن بولغان ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
«ئالغا ئېلېكترون شىركىتى» ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان تۈرەكچە، ئەرەپچە، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، رۇسچە، فىرانسۇزچە، ياپونچە قاتارلىق سەككىز خىل تىلدىن تەركىپ تاپقان Android4.0 قاچىلانغان يان كومپيۇتېرنى شىنجاڭ بازىرىدا تۇنجى بولۇپ بازارغا سالدى. شىركىتىمىز بۇندىن كېيىن شىنجاڭ بازىرىدا Android لىق ئۈسكىنىلەرنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ.