چۈش
چۈش
چۈش-ئۇيقۇلۇقتا كۆرۈلىدىغان فىزىئو-پىسخىكىلىق ھادىسە بولۇپ، روشەن ھالدىكى كۆرۈش، ئاڭلاش ۋە ھەرىكەتلىنىش سېزىمىگە ئىگە، ھەمدە ئۆزى بىلەن رېئال دۇنيا، زاماننىڭ باغلىنىشنى يوقاتقان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن ئۇيقۇسىدا روھىي پائالىيەتلەتنىڭ پۈتۈنلەي توختىمايدىغانلىقى، مۇشۇ باسقۇچتا ئويغىتىۋەتسە، كۆپ ساندىكىلەرنىڭ روھىي پائالىيەت مەزمۇنىنى ئەسلىيەلمەيدىغانلىقى، ئاز ساندىكىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى مەسىلىلەرنى ئويلاۋاتقانلىنى ئىيتىدىغانلىقى، باسقۇچىدا ئويغانغانلارنىڭ تەخمىنەن 2%تى چۈش كۆرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق چۈشلەر ئادەتتىكى تەپەككۈر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۈندۈزدىكى تەپەككۈرنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹كۈندۈزى نېمە ئويلىسا، كېچىسى شۇنى چۈشەش›› مۇشۇ ئەھۋالغا قارىتىلغان بولسا كېرەك. ‹‹جۆيلۈش›› مۇ باسقۇچىدا كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن كۈندۈزدىكى پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە چۈش كۆرمەيدۇ. ھەقىقىي چۈش باسقۇچىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇيقۇ توغرىسىدىكى تەجرىبىخانا تەتقىقاتلىرىدىن، باسقۇچىدا ئويغانغان 74% كىشىنىڭ تەسىرلىك چۈشنى ئەسلىيەلەيدىغانلىقى بايقالدى. بەزىلەر چۈش كۆرگەنلىكىنى ئويغىنالماسلىقىدىن چۈشنى ئەسلىيەلمەيدۇ. ھەر قانداق ئادەم چۈش كۆرىدۇ. پەقەت فىزىئولوگىك ياكى پىسخولوگىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆرگەن چۈشىنى ئەسلىيەلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالىدۇ خالاس.
چۈشنىڭ پىسخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى: ① ئۆزىنىڭ چۈشتىكى ھالىتى بىلەن ئۇيقۇ ھالەتتىكى تۇتاشلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ② ئويغاق ۋاقىتتىكى زامان، ماكان ئۇقۇمى ۋە تەرتىپى چۈش كۆرگەندە پۈتۈنلەي يىمىرىلىدۇ، بالىلىق مەزگىللىرى بىلەن ھازىرقى ھالىتى بىرلىشىپ كېتىدىغان ھايات كىشىلەر بىلەن ئۆلگەنلەر كۆرىشىدىغان غەلىتە ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ. ئەمما چۈشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ: ئەتراپ مۇھىتتىكى ئاۋاز، نۇر، سۇ تامچىلاش ۋە پۇراقلارنىڭ غىدىقلىشى، ئىچكى ئەزالار پائالىيىتىنىڭ غىدىقلىشى چۈش مەمۇنىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.كېچىدە ھەر خىل غىدىقلاشلار ئازارغانلىقتىن، بەدەندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشنىڭ پاتولوگىيىلىك غىدىقلىشى چۈشنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تەكرار قايتىلىنىدۇ ھەمدە بىشارەتلىك مەنانى بېرىدۇ. بۇ ‹‹ بېشارەتلىك چۈش›› دېيىلىدۇ. مەسىلەن: بوغماق ئۈچەي سوزۇلما يارىسىغا گىرىپتار بولغان ئادەم، ھەر قېتىم كېسەللىك قوزغىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ پاتقاققا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى چۈشىشى-بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.