تويدا ھاراق قۇيۇشنىڭ ئاقىۋىتى مۇنداق بولىدۇ
تويدا ھاراق قۇيۇشنىڭ ئاقىۋىتى مۇنداق بولىدۇ ئىسلام فەقىھلىرى تويدا ھاراق قويغان ئادەمگە ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن سىرت مۇنداق گۇناھلارنىڭمۇ ئارتىلىدىغىنىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلدى. 1.شۇ تويدا 100ئادەم ھاراق ئىچكەن بولسا،شۇ 100ئادەمنىڭ ھاراق ئىچكەنلىك،بىلىپ تۇرۇپ ھارام ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى گۇناھى كېمەيتىلىۋەتمەستىن،تويى بولغان يىگىتكە يۈكلىنىدۇ.
2.ئەگەر شۇ تويدا ھاراقتىن مەس بولغان 10 كىشى سىرتتا زىنا قىلغان بولسا، بەلكىم شۇ تويدا تونۇشقانلار بىلەن تويدا ھاراق قويغان شۇ يىگىتكە 10زىنانىڭ ھەممىسى تولۇق پۈتۈپ قويىلىدۇ.
3.ئەگەر شۇ تويدا بىرەر ھاراق ئىچكەن مېھمان كەيىپچىلىكتە خۇدىنى بىلمەي بىر ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،شۇ تويدا ھاراق قۇيغان بىچارە يىگىتكە ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ گۇناھى كىچىكتۈرمەستىن يىزىلىدۇ.
4.ئەتىگىنى قۇرئان ئوقۇلۇپ قىلىنغان نىكاھ،كەچتە تويدا قويۇلغان ھاراق سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ-دە، خوتۇنى بىلەن بىرگە بولسا زىنا قىلغان بولىۋېرىدۇ. ناۋادا شۇ كۈنى خوتۇنى نىڭ بويىدا قالغان بولسا، تاپقان بالىسى ھاراملىق بولىدۇ.شۈبھىسىزكى بۇنداق بالىدىن كەلگۈسىدە ھەم ھېچكىمگە ۋاپا كەلمەيدۇ.
5.جىمى جاھان ئەھلىگە، ھارام قىلىپ جاكارلانغان نىجىس ئەمەلنى قىيىشىپ تۇرۇپ جارى قىلدۇرغان،سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن مۇنافىق قاتارىدا ھېسابلىنىپ تاكى قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ،تەۋبە قىلمىغۇچە ئاللا تويىدا ھاراق قۇيغان شۇ يىگىتنى ئۆزىگە ئىككى دۇنيالىق دۈشمەن ساناپ،ئائىلىسىنىڭ بەركىتىنى كۆتۈرىۋېتىدۇ.بالىلىرىنى شەيتانغا تاشلاپ بېرىپ،رەھمەت كۆزى بىلەن قارىمايدۇ.ئىككىلا دۇنيادا خار قىلىدۇ.دۇئاسىنى ئىجاۋەت قىلمايدۇ.قىيامەتتە زىيان تارتقۇچىلار قاتارىدىن قوپىرىدۇ.
WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان