تىرىشچانلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-22 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 167 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ھەممىگە ئايانكى، تىرىشچانلىق بولمىسا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ. بۇ، ھاياتنىڭ ئاساسىي نىشانىغىمۇ، سىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئاساسىي نىشانىغىمۇ ماس كېلىدۇ. تىرىشچانلىقىڭىز بولمىسا، سىزنىڭ روھىڭىز ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
ئۆزىدىن قانائەت تاپماسلىق، ئىچكى دۇنياسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تەلپۈنۈش، مانا بۇ سىزنىڭ ئەقەللىي تۇرمۇشىڭىزدا ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرتلەردۇر. مۇشۇ شەرتلەر ھازىرلانغاندىلا، ئاندىن ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرالايسىز.
تومۇز يازنىڭ ئىنتايىن پىژ-پىژ بىر كۈنىدىن كېيىن يامغۇر ياغسا، ئادەمگە ئاجايىپ ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ، ئادەمنىڭ روھىنى كۆتىرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئۆزلۈك مەدھىيىلىرىنىڭ ئوتتەك قىزىق، يالقۇنجاپ تۇرغان قۇياشىدىن كېيىنكى كەمتەرلىك بىلەن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەتلەرمۇ يېڭى روھ ئاتا قىلىدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ھەر قېتىم سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىڭىزدە، ئۆز-ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىدىكى ئېزىقتۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

3-ئاينىڭ 22-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *