ئىدىيە

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-26 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 135 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

كۆپىنچە يامان ئىش-ھەرىكەتلەر يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئەسكىلىكىدىن بولمايدۇ، بەلكى ئۇلار باشقىلار ئىپادىلىگەن ئىدىيىنىڭ قەبىھلىكىگە ئىشەنگىنىدىن بولىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ھەممە ئىدىيىسى توغرا دەپ قارىۋالماسلىقىمىز كېرەك.
بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىز ئىدىيىمىزدە. ناۋادا، بىز بۇنىڭغا ئىشەنسەك ھەمدە بۇ نۇقتىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىساق، تالاي رەزىللىك-ئىپلاسلىقلار يوقۇلۇپ، بۇ دۇنيا مېھرىبانلىق بىلەن تولىدۇ.
ھېسسىيات پەيدا بولغاندا، ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ. بىراق، ئىدىيە ئاشۇنداق ھېسسىياتنى يا قوبۇل قىلىدۇ ياكى سىقىپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ ئىدىيىمىز ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاساسى.
بىزنىڭ ئىدىيىمىز مېھمىنىمىزغا ئوخشايدۇ. ئۆيگە كەلگەن مېھماننى مەيلى ئۇ ياخشى ياكى يامان ئادەم بولسۇن، دەرىجىسىگە قاراپلا ئەيىبلىسەك بولمايدۇ، ئەمما، بىزنىڭ يامان ئىدىيىنى چۆرۈۋېتىپ، ياخشى ئىدىيىنى ساقلاپ قېلىشقا يەتكۈدەك دەرمانىمىز بار.

3-ئاينىڭ 26-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *