دۇنيادا گۇناھ يوق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-27 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 150 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئادەملەر ئۆز بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكتىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولۇشىدۇ-يۇ، ئۆزى پەيدا قىلىپ قويغان بەختسىزلىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىنچىلىق بولىدۇ، بىز شۈكرى قىلىپ ياشىساقلا تۇرمۇشنىڭ ئېغىرى بىلىنمەيدۇ. بىز يولۇققان قىيىنچىلىقمىز بىزنىڭ بار كۈچ بىلەن ئۇنى يېڭىپ تاۋلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر.
مۇبادا، سىز بىتاب بولۇپ قالسىڭىز، سەۋر قىلىڭ؛ ناۋادا سىزگە باھا بېرىشسە، ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر، سىز ئار-نومۇسقا قالسىڭىز ئۇنداقتا كىچىك پېئىل بۇلۇڭ. مۇبادا، ئۆلۈم يېقىنلاشسا، مىننەتدارلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ.
بارچە ھەقىقىي ئۇلۇغۋار ئىشلار ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ.
ئەسكى مىجەز شۇنىڭ ئۈچۈن زىيانلىقكى، ئۇ سىزگە زىيان سېلىپلا قالماي، بەلكى ئۇ ئىللەت باشقىلارغا يۇقىدۇ. ناۋادا، سىزنىڭ كەيپىڭىز چاغ بولمىسا، بىر مەزگىل يەككە-يېگانە ياشاپ بېقىڭ، كەيپىڭىز ياخشىلانغاندا ئاندىن باشقىلار بىلەن ئارىلاشسىڭىز بولىدۇ.

3-ئاينىڭ 27-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *