ئۆسمۈرلەرنىڭ دوست تاللىشى
ئۆسمۈرلەرنىڭ دوست تاللىشى
«گۈل بەرگىسى بىلەن، ئادەم ئادەم بىلەن»، «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن گەپ بار. بىر ئادەم جەمئىيەتتە يەككە – يېگانە ياشىيالمايدۇ، ئۇنىڭ ھامان دوستقا، دوستلۇققا، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ھاجىتى چۈشىدۇ. ئۆسمۈر بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، چوڭلارنىڭ نازارىتى ۋە يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ. قۇرداشلىرى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرغاچقا، ئۇلار بىلەن باردى – كەلدى قىلىشنى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا ئاڭلىمايدۇكى، دوستلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ، ھەرقانداق گېپى بولسا ئائىلە باشلىقلىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلىرىغا دېمىسىمۇ، دوستلىرىغا دېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، دوست تاللاشنى ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ، ئوخشاشلا ئۆسمۈرلەر توپىنىڭ پسىخىكىسىغىمۇ باب كېلىدۇ.
پسىخولوگىيە قائىدىلىرىگە ئاساسەن، دوست تاللاشتا «تۆت بولۇش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك: بىرىنچى، مەقسەت – ئارزۇلىرى بىردەك بولۇشى، يەنى ئورتاق ئىدىيىۋى ئاساس، توغرا نىشان بولۇشى كېرەك. ئىككىنچى، دوست تۇتۇشتا مۇئەييەن ئۆلچەم بولۇشى، غايە، خاراكتېر، قىزىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساغلام ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بولۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئىشنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىر – بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، تەڭ باراۋەر، ئىناق ئۆتەلەيدىغان بولۇشى، بىر – بىرىنى بىلىدىغان، چۈشىنىدىغان بولۇشى كېرەك، بىر – بىرىنىڭ قەلبىنى چۈشەنمەيدىغان دوستلۇق يۈزەكى دوستلۇق ھېسابلىنىدۇ، دوستىنىڭ كەمچىلىك، خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغاندىلا، ھەقىقىي دوستلۇققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. تۆتىنچى، توغرا پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك، دوستلار ئارىسىدىكى دوستلۇق كوللېكتىۋىزملىقنى ئاساس قىلىدۇ. دوستلار ئارىسىدىكى دوستلۇق چوڭقۇرمۇ بولىدۇ، ئادەتتىكىچىمۇ بولىدۇ، بىراق قانچىلىك يېقىن دوست بولسۇن، دوستنىڭ دوستلۇقىنى كوللېكتىپ دوستلۇقنىڭ سىرتىدا يېگانە قالدۇرۇپ، كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ قېلىشقا بولمايدۇ.