ئىيۇل 15 2013
ھايات ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
نۇرئالىيە جۈمە
تەقدىر
كىچىك ۋاقلىرىمدا چوڭلاردىن پات–پات: ‹‹ئادەمنىڭ تەقدىرى پىشانىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ، بۇنىڭدىن ھېچكىم قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ››، دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلايتىم ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم. لېكىن ئەقلىمگە كەلگەندىن كېيىن بۇ گەپكە گۇمان بىلەن قارايدىغان بولدۇم، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى، بىر كۈنى دوستۇم بىلەن تەقدىر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ قالدىم، ئۇ مەندىن:
ـــ سەن تەقدىرىگە ئىشىنەمسەن؟ ـــ دەپ سورىدى.
ـــ ئىشىنىمەن، ـــ دەپ جاۋاب بەردىم.
ـــ ئۇنداقتا سېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇڭمۇ، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ؟ سېنىڭ تىرىشىپ ئوقۇشۇڭ نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر سەن تىرىشىپ ئوقۇمىغان بولساڭ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولاتتىڭ، ئۇنداقتا سەن يەنە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلارمىدىڭ؟ ـــ دەپ سورىدى.
توغرا، مەن تىرىشمىغان، ياخشى تەكرار قىلماي ئويناپ يۈرگەن بولسام، بەلكىم تەقدىرىم باشقىچە بولغان بولاتتى. ئۇنداقتا ‹‹سەن تەقدىرىگە قانداق قارايسەن؟›› ـــ دەپ سورىدىم.
ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
ـــ ئاداش تەقدىرنى بىز ئۆزىمىز، ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن يارىتىمىز، ـــ دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ كىچىككىنە سۆھبەت ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز تەقدىرىمنى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، ھاياتىمنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا بېغىشلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن.
تۇرمۇش
تۇرمۇش شۇنداق بولاركەن تۇرمۇش،
ئۇ دۇنيادا قۇۋ ھەم رەھىمسىز.
تۇر دېگەندە تۇرمىساڭ، بار مۇشت،
تۇر بىلەن مۇشت قوشۇلۇپ تۇرمۇش.
تۇرمۇش مۇرەككەپ بولىدۇ، ئۇنىڭدا خۇشاللىق، خاپىلىق، غەم-قايغۇ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن ئادەملەرنىڭ ئاشۇ خىل تۇرمۇشقا بولغان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشىلەر خۇشاللىقتىن شادلىنىپ، ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىدۇ، خاپىلىق، غەم-قايغۇغا يولۇققاندا، ئۆزىنى يوقىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىن، كىشىلەردىن ئاغرىنىپ ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ. بەزى كىشلەر بولسا خۇشاللىق يولۇقسا ئۇنىڭدىن ھەممىنى بەھرىمەن قىلىپ، خاپىلىق، قايغۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ قەيسەر تۇتۇپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئالدىنقىلار تۇرمۇشقا توغرا مۇئامىلىدە بولالمايدىغانلار بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ رەھىمسىز بورانلىرى ئۇلارنى ھالاكەت جىلغىلىرىغا ئاپىرىپ تاشلاپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا تاشلايدۇ. كېيىنكىلەر بولسا تۇرمۇشتىن غالىب كەلگۈچىلەر بولۇپ، ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆز قولى بىلەن بەختلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.
ھاياتلىق
ئىنسان بۇ دۇنياغا يىغا بىلەن كۆز ئاچىدۇ، يىغا ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئىنسان ھاياتىنى قوغداش يولىدا نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەيدۇ، يەنە نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشىدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۇچۇن، ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغان نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەپ، قىسقىغىنە ھاياتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ، بۇنداق كىشلەر ھايات ۋاقتىدا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشسە، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندىن كېيىن سېغىنىشقا، ئەسلىشىگە ئېرىشىدۇ. بەزى كىشلەر ھاياتلىقتا ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ھاياتى ئۈن-تىنسىز ئۆتىدۇ، يەنە بەزى كىشلەر ئۆز ھاياتىنى باشقىلار ھاياتىنىڭ كۈلپىتى ئۈستىگە قۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ، ئۆلگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ھاياتلىق مانا مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ. ھاياتلىقنى قەدىرلەش-قەدىرلىمەسلىك، قانداق ئۆتكۈزۇش ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق بولىدۇ.
ئاپتور: قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدا