ئانا بولغاندىن كېيىن ھاياتىڭىزدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2014-06-03 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 179 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140603-111707-40627155.jpg

‏ئانا بولغاندىن كېيىن ھاياتىڭىزدا يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر
‏ئانا بولغاندىن كېيىن ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ ،قېنى ئەمسە دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن:
‏ 1. گۈل-چىچەكلەرنى پۇراش ئورنىغا ،بوۋىقىڭىزنى پۇرىغىڭىز كىلىدۇ،ئۇنىڭ ھىدىگە تويمايسىز.
‏ 2. ھېچنەرسىدىن قورقمايمەن دەيسىزيۇ،بالىڭىز تۇغۇلغاندىن باشلاپ يېڭى-يېڭى ئەندىشە ۋە قورقۇنچلار سىزنى چىرمىۋالىدۇ.
‏ 3. ئۆز ۋۇجۇدىڭىزغا،بەدىنىڭىزگە ،ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە نىسپەتەن يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولىسىز.
‏4. ئاتا-ئانىڭىزنى ئىلگىركىدىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتلەشكە باشلايسىز.
‏ 5. تاۋىڭىز نازۇكلىشىپ كېتىدۇ.
‏ 6. ھاياتىڭىزغا ھەر كۈنى يېڭى مەنالار قوشۇلىدۇ،ھاياتنىڭ چىن مەنىسىگە يەتكەندەك بولىسىز.
‏7. ئەينەككە قارىغىنىڭىزدا ،ئۆزىڭىزگە چىھرىڭىزدىكى قورۇققا ئەمەس،قۇچىقىڭىزدىكى،ئەينەكتىكى سىزگە قاراۋاتقان بوۋاققا قارايسىز.
‏8. ئۇيقىڭىز سەگەكلىشىدۇ،سەھەر تۇرىدىغان بولۇپ كېتىسىز.
‏9. شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ تۈگەتكىنىڭىزگە ۋاقىتنى قانداق يېتىشتۈرگىنىڭىزگە ئۆزىڭىزمۇ ھەيران قالىسىز.
‏10. ئىشلارنى سائەتكە قاراپ ئەمەس،بوۋىقىڭىزغا بېقىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولىسىز.
‏11. ئىشقا كېچىكىپ قالغىنىڭىزنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ بالىڭىزنى بىرنى سۆيۈپ قويۇشنى ئۇنۇتمايسىز.
‏12. سىزگە كۈلۈپ بېرىۋاتقان،كۈندىن كۈنگە تاتلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ ئوماقلىشىپ كېتىۋاتقان بالىڭىزغا قاراپ «شۈكرى ئەلھەمدۇلىللاھ» دەپ سانسىز قېتىم پىچىرلايسىز.
‏ 13،بوۋىقىڭىزغا تېخىمۇ ياخشى قاراش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاسرايدىغان بولۇپ كېتىسىز. 14.بۇرۇن ياستۇققا بېشىڭىزنى قويۇپلا ئۇخلىغان بولسىڭىز،بوۋىقىڭىز تۇغۇلغاندىن كېيىن تالاي كېچىلەرنى ئۇنىڭ بۆشۈكى،كارىۋىتى يېنىدا كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزىسىز.
‏15.رومانتىك،خام-خىياللارنى تاشلايسىز،سۈرىدىغىنىڭىز بالىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى خىياللارلا بولىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ساناپ تۈگىتەلمەيمىز،ئۇماق پەرزەنتىڭىزنى ياخشى تەربىيلەيمەن دەيدىكەنسىز،ئەڭ ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ ئەي ئانىلار!

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *