خۇشاللىق نەدىن كېلىدۇ ?
ئىلگىرى بىر توپ ئوقۇغۇچىلار بەخىت ،خوشالىق ئىزدەپ يۈرۇپ، تۈرلۈك غەم قايغۇ ۋە ئازابلارغا دۇچار بوپتۇ . ئۇلار ئۇستازى سوقراتتىن سوراپتۇ :
- بەخىت خوشاللىق زادى نەدە ؟ سوقرات :
- سىللەر ئاۋال ماڭا ئاۋال بىر قولۋاق ياساپ بېرىڭلار . ئاندىن مەن سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن ،دەپتۇ .
ئوقۇغۇچىلار بەخىت ۋە خوشاللىقنى ئىزدەيدىغان ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ، ئېگىز ۋە يوغان دەرەختىن بىرنى ھەرىدەپ يىقىتىپ ئۇنىڭ ئىچىنى ئويۇپ قىرىق توققۇز كۈن بولغاندا قولۋاقنى ياساپ پۈتتۈرۈپتۇ . قولۋاق سۇغا چۈشۈرۈلۈپتۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۇستازلارنى قولۋاققا چىقىرىپ پالاق ئۇرغاچ ناخشا ئېيتىشقا باشلاپتۇ .
سوقرات :
- باللىرىم سىلەر خۇشالمۇ ؟ – دەپ سوراپتۇ .
- ئوقۇغۇچىلار بىردەك :
- ئىنتايىن خۇشال ! – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
- بەخىت خوشاللىق دېگەن مانا مۇشۇنداق ئېنىق بىر مەقسەت ئۈچۈن قاتتىق ئىشلەپ باشقا ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالمىغاندا ئۆزلۈكىدىنلا يېتىپ كېلىدۇ، – دەپتۇ .