روھ

يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-02 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 153 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

روھ

پەقەت نىيىتىڭىزگە تايىنىش بىلەنلا سىز خۇدانى تۇيۇپ يېتەلمەيسىز. خۇدانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى كۆڭلىڭىزگە ئايان، سىز يالغۇز ئەقىل-پاراسىتىڭىزگىلا ئەمەس، پۈتكۈل مەۋجۇدىيىتىڭىزگە تايىنىڭ، چۈنكى، شۇندىلا سىز خۇدانىڭ روھى ئۆز قەلبىڭىزدە ياشاۋاتقىنىنى سېزەلەيسىز.
مەنىۋى مەنبەيىمىزنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگۈچىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، ماددىي شەيئىي بىلەن ئوبيېكتلار ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇنداق مۇناسىۋەت بەكمۇ مۇرەككەپ، سىز ئۇنى مەڭگۈ چۈشىنەلمەيسىز، چۈنكى، ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتنىڭ نەتىجىلىنىشى بولىدۇ، ھەر بىر نەتىجە يەنە باشقا كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەقىقىي تۇرمۇش، سىزنىڭ روھىي مەنبەيىڭىزنى چۈشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان.
ھېسسىياتىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان سادالار بەلكىم ۋىجدانىڭىزدىن چىققان سادادىن كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن. ئىككىسىنىڭ ئىنتوناتسىيە-ئاھاڭى ئوخشىمايدۇ: سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز سىزگە قاراپ ۋارقىرايدۇ؛ سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز ئەكسىچە سىزگە تەمكىنلىك بىلەن گەپ قىلىدۇ.
−ۋىليام ئېللېري چانىڭ

10-ئاينىڭ 2-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *