ئەقىللىق خوتۇن بىلەن دۆت خوتۇننىڭ پەرقى
ئەقىللىق خوتۇن بىلەن دۆت خوتۇننىڭ پەرقى
ئەقىللىق خوتۇن ـــ بېشىدا ئېرىنىڭ خاتالىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن تەقدىردىمۇ،
ئاممىۋى سورۇندا ھەمىشە ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختايدۇ.
دۆت خوتۇن ـــ ھەمىشە ياستۇق بېشىدا ئېرىدىن شۇنداق مەمنۇن بولسىمۇ، ھەمىشە ئاممىۋى سورۇندا ئېرىنىڭ ئەيىپىنى ئاچىدۇ.
ئەقىللىق خوتۇن ـــ دائىم ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانچە خوشاللىق ھېس قىلىدۇ، ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ.
دۆت خوتۇن ـــ ھەمىشە ئېرىنىڭ كەمچىلىكىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانچە ئۈمىدسىزلىنىپ زېرىكىدۇ، ئېرىدىن زېرىكىپ كۆزگە ئىلمايدۇ.
ئەقىللىق خوتۇن ــ ئېرىنىڭ كەسپىنى ئۆزەمنىڭ كەسپى دەپ بىلىدۇ، ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قوللايدۇ. ئېرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇ ئېرىغا نىسبەتەن بىر يۆلەنچۈك بولالايدۇ.
دۆت خوتۇن ـــ ئېرىنىڭ ئۆز ئەتراپىدا بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەسپىگە قىزىقمايدۇ ھەم قوللىمايدۇ، ئېرى كەسىپتىن بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ئۇ بۇ چاغدا تېخىمۇ شەخسىيەتچىلىك قىلىدۇ…
ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن يەر قىلغانمۇ خوتۇن دەيدىغان سۆز بار…
خوتۇنى بېشەم ئەرنىڭ دوزىخى مۇشۇ دۇنيا ….