ئۆزىڭىزدىن مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-22 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 165 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئۆزىڭىزدىن مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

    ئۆز – ئۆزىڭىزدىن: «ئاشۇ سۈپسۈزۈك كۆك ئاسمانغا قانغىچە ھىدلىمىغىلى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق ناخشىلىرىنى ھۇزۇرلىنىپ ئاڭلىمىغىلى قانچىلىك بولغاندۇ؟ ئەجەبا، ئاسماندىكى ھەسەن – ھۈسەننى ئۇنتۇپ قالغاندىمەنمۇ؟ يولغا چىقىش ئالدىدىكى ئالدىراشچىلىق سەۋەبىدىن، يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە سەل قارىغاندىمەنمۇ؟ ئەجەبا، مەندە ھارغىن، قېتىشىپ قالغان يۈرەكتىن باشقا يەنە بىر مىننەتدارلىققا تولغان يۈرەك بارمىدۇ؟» دەپ سوراپ بېقىڭ.
    ئەمەلىيەتتە ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىشمۇ ئىنتايىن ئوڭاي، پەقەت مىننەتدارلىق قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىپ، تۇرمۇشتىن، كەڭ تەبىئەتتىن مىننەتدار بولسىڭىزلا، ھەر كۈنى مىننەتدارلىققا ئىگە قەلبىڭىز تۇرمۇشىڭىزنى پۈتكۈل خۇشاللىقلار بىلەن تولدۇرىدۇ.
    ئەخمەت خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە ئوقۇتقۇچىلار ئاشخانىسىغا كىردى، تاماق ئالىدىغان چاغدا، خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا سومكىلارغا قاراپ ئولتۇرۇشىنى دەپ قويۇپ، تاماق ئالغىلى كەتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئۇ بىر مۇز چىراي ئايال مۇلازىمەتچىنىڭ ياندىكى ئۈستەلنى يىغىشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، مۇلازىمەتچى ئايال قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىلىدىكى باشتا تاماق يېگەنلەر قالدۇرۇپ كەتكەن تاماق قاچىلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا ئەمدىلا تۇتۇنۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇ مۇلازىمەتچى ئايالغا قاراپ، ئادەتلەنگىنى بويىچە: «رەھمەت سىزگە» دېدى.
    مۇلازىمەتچى ئايال تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ: «ھېچقىسى يوق» دەپ جاۋاب قايتۇردى، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئەخمەتنىڭ ئۈستىلىنى پاك – پاكىز يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، يەنە باشقا ئۈستەللەرنى يىغىشتۇردى، ئۇنىڭ ئاچچىققا تولغان چىرايىنى يېقىملىق كۈلۈمسىرەش قاپلىغانلىقىنى كۆرگەن ئەخمەتنىڭ قەلبى ئىختىيارسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدى، چۈنكى ئۇنىڭ بىر ئېغىز «رەھمەت» دېگەن سۆزى بىلەن باشقا خېرىدارلار تېخىمۇ ئىللىق مۇلازىمەتتىن بەھرىلىنەتتى.
    كۆپ چاغلاردا، بىز «رەھمەت» سۆزىگە سەل قارايمىز، ئېرىشكەن نەرسىمىزنىڭ ھەممىسىنى ھەقلىقتەك ھېس قىلىمىز، ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزنى تەربىيەلىشى ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، مۇئەللىملەرنىڭ بىزگە تەلىم بېرىشى، بىلىمدە كامالەتكە يېتىشى، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئاشخانا مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى ئۇلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتى، دەپ قارايمىز. بىز ئەتراپىمىزدىكى ئۆزىنى ئۈن – تىنسىز تەقدىم قىلغۇچىلارغا پەرۋاسىز سوغۇق مۇئامىلە قىلساق، بۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق مەنزىرە – ھە!
    تۇرمۇشىمىزدىكى ھەربىر كۈن مىننەتدارلىققا چۆمۈشكە ئېھتىياجلىق، مۇشۇنداق بولغاندىلا سىز كەڭ قورساقلىقنى، قۇربان بېرىشنى ئۆگىنەلەيسىز، قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەلەيسىز، يېقىملىق كۈلكىڭىز بىلەن ھەربىر تاڭنى، دۇنيانى كۈتۈۋېلىڭ…
    بىر ئادەم روھىي چۈشكەن ھالدا دانىشمەنگە: «ھازىر مېنىڭ ھېچنەرسەم يوق، ئىشسىز قالغىلى بىر يېرىم يىل بولدى، نەچچە قېتىم خىزمەت ئىزدىدىم، ھېچ يەر مېنى قوبۇل قىلمىدى، ھازىر مېنىڭ مىننەتدارلىقىمنى بىدۈرىدىغان ھېچقانداق نەرسەم يوق» دەپ دەردىنى تۆكۈپتۇ.
    دانىشمەن:
    – سېنىڭ راستىنلا ھېچ نەرسەڭ يوقمۇ؟ ئەمەلىيەتتە سەندە ھېچ نەرسە كەم ئەمەس، پەقەت ئۆزۈڭ ھېس قىلالمىدىڭ خالاس، ئەمىسە مېنىڭ سورىغان سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىپ باق: ئايالىڭ بارمۇ؟
    – بار، ئۇ قىيىنچىلىقتا ئۆتسىمۇ يەنە مېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، مۇشۇلارنى ئويلىساملا، قەلبىمدىكى خىجىلچىلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.
    – ئۇنداقتا بالاڭ بارمۇ؟
    – بار، ئىنتايىن ئوماق ئۈچ بالام بار، گەرچە مەن ئۇلارغا ياخشى يېگۈزۈپ، كىيدۈرۈپ، ياخشى شارائىتقا ئىگە قىلالمىساممۇ، ئەمما بالىلىرىم بەك غەيرەتلىك.
    – ئىشتىھايىڭ ياخشىمۇ؟
    – ئىشتىھايىمنىڭ ياخشىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، پۇل بولمىغانلىقتىن قورسىقىمنى بەك تويغۇزالمايمەن، دائىم يېرىم – ياتا تويغۇزىمەن.
    – ئۇيقۇڭچۇ؟
    – ئۇيقۇ؟ ھا ھا ھا… ئۇيقۇم بەك ياخشى، بېشىم ياستۇققا تەگدىمۇ ئۇخلاپ كېتىمەن.
    – دوستۇڭ بارمۇ؟
    – بار، ئىش ئورنۇمدىن قالغاندا، ئۇلار دائىم ياردەم بېرىپ تۇردى، ھازىر ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا ئامالسىزمەن.
    كۆرۈش قۇۋۋىتىڭ قانداق؟
    – ئىنتايىن ياخشى، ناھايىتى يىراق يەردىكى نەرسىلەرنىمۇ شۇنداق ئېنىق كۆرەلەيمەن.
    ئاخىرىدا دانىشمەن:
    – ئۇنداق بولسا ھازىرنىڭ ئۆزىدە خۇلاسىلەپ، ئۆزۈڭنىڭ نېمىلەرگە ئېرىشكىنىڭگە قاراپ باق، – دەپتۇ. ئۇ:
    – مېنىڭ ياخشى خوتۇنۇم، ئىنتايىن ئوماق ئۈچ بالام، ياخشى ئىشتىھا بىلەن ئۇيقۇم، سادىق دوستلىرىم، روشەن كۆرۈش قۇۋۋىتىم بار ئىكەن، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
    شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مىننەتدارلىققا تولغان قەلبكە ئىگە بوپتۇ، كەيپىياتىمۇ رۇسلىنىپتۇ، ئاندىن كېيىن ياخشى بىر خىزمەت تېپىپتۇ، ھەپتە ئاخىرىدىكى بەزى ۋاقىتلاردا بىر ئائىلە كىشىلىرى دالا سەيلىسى قىلسا، بەزى ۋاقىتلاردا دوستلىرى بىلەن يىغىلىپ، ئىنتايىن بەختلىك ياشاپتۇ.
    تۇرمۇش خۇشپۇراق ئابىزەمزەمدەك توختىماي تامچىلاپ تۇرىدۇ. مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىڭ، ئۆزىڭىزدىن مىننەتدار بولسىڭىز، تۇرمۇش سىزگە ھەدىيە قىلغانلىرىدىن رازى بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا سىز ئاندىن بىر ئاكتىپ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىغا، بىر ساغلام پىسخىكىلىق ھالەتكە ئېرىشەلەيسىز.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *