ئىززىتىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىسىز
ئىززىتىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىسىز
يېقىندا بىر خىزمەتدىشىم: «قايسى كۈنى سورۇندا ئاغىنىلەرنى ئۆيگە مېھمانغا چاقىرىپ قويۇپتىمەن، ئەمدى ئويلاپ باقسام ئۈلگۈرەلمىگۈدەكمەن، شۇڭا ئۇلار كېلىدىغان كۈنى يانفوننى ئېتىۋېتەيمىكىن دەيمەن» دېدى، ئۇنىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم، شۇ چاغدا مۇنداق بىر ئىش يادىمغا كەچتى: بىر دوستۇم بىر كۈنى كوچىدا بىر تونۇشىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. ئۇلار تولىمۇ قىزغىن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللىشىپتۇ، خوشلىشىدىغان چاغدا ھېلىقى كىشى ئەتىسى ئايالىنى ئېلىپ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوستۇم ئايالى بىلەن مېھماننى كۈتۈۋېلىشنىڭ تەييارلىقىدا بوپتۇ. بىراق ۋەدە قىلغان كىشى كەلمەپتۇ. تېلېفون بېرىپمۇ قويماپتۇ، دوستۇم تېلېفون بەرسە، ئۇنىڭ تېلېفونى ئېتىك ئىكەن، ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتكەندە دوستۇم ئۇنى يەنە كوچىدا ئۇچرىتىپ قاپتۇ، لېكىن ئۇ كىشى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، دوستۇمغا: «كۆرۈنمەيلا كەتتىڭىزغۇ؟» دېگۈدەك، بۇ ئىش دوستۇمغا ھار كەلگەن بولسا كەلگەن بولسىمۇ، چاندۇرماي: «ھېلىقى كۈنى بىر كۈن ساقلىدۇق، كەلمىدىڭىز» دېسە، ئۇ كىشى: «ھە، شۇ گەپمىدى، رەنجىمەڭ، ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن، بىكار يولۇمغا قاراپسىلەر، چولام تەگكەن بىر كۈنى بارارمەن» دەپتۇ. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەزەلدىن لەۋزىدە تۇرماسلىق نامەردلىك بىلەن ساداقەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ قاراپ كەلگەن، بۇنداق كىشىلەردىن ھەممە نەپرەتلىنىدۇ.
شۇنى ئەستە تۇتۇشىڭىز كېرەككى، بەرگەن ۋەدىڭىز سىزنىڭ مەيدانىڭىزغا، سەمىمىيتىڭىزگە، باشقىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ۋەدىگە ئەمەل قىلماسلىق سەۋەبلىك باشقىلار سىزگە ئىشەنمەيدىغان، كۆزگە ئىلمايدىغان، كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە ئىززەت-ئابرۇيىڭىز ۋە خىسلىتىڭىزنى ئۆزىڭىز دەپسەندە قىلغان بولىسىز، ئابرۇينى، ئىشەنچنى ۋاقتى كەلگەندە ئالتۇنغىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، شۇڭا، ھەرقانداق ئىشتا ئېغىر – بېسىق ، سالماق بولۇپ، ئالدىراپ ۋەدە بەرمەسلىكىڭىز، ۋەدە بەرگەنىكەنىكەنسىز، چوقۇم ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك.