ئىيۇل 25 2013
بۇدۆلەت سەندە تۇرىۋەرمەيدۇ، بۇ مەينەت مەندە
ھېكايە قىلنىشچە بىرئادەم ئايالى بىلەن غىزالىنىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ داستىخىندا پۇشۇرۇلغان توخۇ گۆشى بارئىكەن ، شۇئارىدا بىرسائىل ئىشىكنى قېقىپتۇ ، بىراق ئۇئادەم سائىلغا تاپا-تەنە قىلىپ ئۇنى ئويدىن قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ، بىرۋاقىتلار دىن كىيىن اللە نىڭ ئىرادىسى بىلەن بۇئادەم قاتتىق مۇھتاجلىقتا قاپتۇ ،ئۇنىڭغا بىرىلگەن نىئمەتلەر يوقۇلۇپتۇ، ۋە ئايالىنىڭمۇ تالىقىنى بىرىپتۇ، بۇئايال مەلۇم كۇنلەردىن كىيىن باشقا بىرئەرگە نېكاھلىنىپتۇ، بىركۇنى بۇئايال كىيىنكى يولدىشى بىلەن تاماق يەپ ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇلانىڭ ئالدىدىمۇ بۇرۇنقىدەك پۇشۇرۇلغان توخۇ گۆشى بار ئىكەن ، تۇيۇقسىز ئىشىك ئالدىغا بىرسائىل پەيدا بۇپتۇ ،ئەر ئايالىغا دەپتۇ: بۇنى ئۇنىڭغا بىرىڭ، ئايال توخۇ گۆشىنى ئۇنىڭغا بەرگەچ قارىغىدەك بولسا كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىرى تۇرغىدەك، ئايال ئويگە كىرىپ يېغلاشقا باشلاپتۇ، ئىرى ئۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن يېغلىغانلىقىنى سورىغاندا ئايالى ئۇنىڭغا بايامقى ئىشىك ئالدىدىكى سائىل كىشىنىڭ ئۇزىنىڭ بۇرۇنقى ئىرى ئىكەنلىكى ۋەئۇنىڭ بىرسائىلغا تاپا-تەنە قىلىپ قۇرۇق قول قايتۇرغانلىقىنى سوزلەپ بىرىپتۇ ، ھازىرقى ئىرى ھەيران بولغان ھالدا … ئاشۇ سائىل مەن ئىدىم دەپتۇ …………………….
بۇدۆلەت سەندە تۇرىۋەرمەيدۇ،
بۇ مەينەت مەندە دىگەن شۇ!