غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ
غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ :
-دادا،مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم -دىدى،دادىسى غۇنچەمنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ:
-يارايسىز قىزىم -دىدى.
مانا بۇ ئۆلچەملىك ،تېنچ ،خاتىرجەم،ئىناق ئائىلىنىڭ كارتىنىسى،بىراق تۇرمۇش ئۇنداق ئۆلچەملىك ئەمەس
1.ھاراقكەش دادا
غۇنچەم مەكتەپتىن كىرىپ:
-دادا ،مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم-دىدى،دادىسى ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىۋاتقان ھاراقكەش ئاغىنىلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ:
-ياخشى قىپسەن قىزىم،بولە،ماۋۇ پۇلغا خاسىڭ،دادۇر،ئاندىن بىر بوتۇلكا ھاراق ئەكىرە قىزىم،بولە،ھىق~~
2.بىلىمسىز دادا
غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
-دادا،مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم-دەپتۇ،دادىسى:
-ھەي بالام،مەن سىنى ئاياپ ئىشلەت دىسەم،نىمە تۈگىتىۋەتكەنسەن،مە ،مانڭغا ئالغىن،ئەمدى تۈگەتمە ھە!-دەپتۇ.
3.جاھىل دادا
غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
-دادا مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم-دەپتۇ،دادىسى:
-بولدى،ساۋادىڭىز چىقىپتۇ ،ئەمدى ئوقۇمايسىز!
-نىمىشقا؟-غۇنچەم ھەيران بولۇپ.
-ئوقۇسىڭىزمۇ كادىر بولمايسىز،جىگدە ياغىچى بادىر بولمايدۇ،ئىلىپبەنى تۈگەتسە كادىر بولمايدۇ دەپتىكەن،شۇڭا ئەتىدىن باشلاپ،ئېتىزغا ياردەملىشىڭ،سىزنى ئوقۇتىدىغان پۇلمۇ يوق!
4.قوپال دادا
غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
-دادا،مەن ئىلىپبەنى تۈگەتتىم!-دىدى،دادىسى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
-قانداق قىپ بېرەي،يوغان ئىش-دىدى…
5.تايىنى يوق دادا
غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
-دادا،ئىلىپبە نى تۈگەتتىم-دىدى،دادىسى:
-ۋەت!!بولسابېرىپبەنىمۇ تۈگىتىڭ!ۋايت!
7.رىژىسسوردادا
غۇنچەم مەكتەپتىن كېلىپ:
-دادا!ئىلىپبە نى تۈگەتتىم!!
-كات!!بۇنچىلىك قوپال دىسىڭىز قانداق بولىدۇ،قايتىدىن،ئەكشىن!
-داداھ!ئاھ!مەن،مەن!ئىلىپبەنى تۈگەتتىم!
-كات!!بولمىدى،سەل ھېسىيات قوشمامسىز بۇنىڭغا!قايتىدىن!
-دادا!تاراكا دۇم تاراكادۇم!مەن دۇتاراڭتاڭ،دۇمتاراڭتاڭ ئىلىپبەنى دۇمتاڭ تاڭ دۇمتاڭ تۈگەتتىم!
-كات!ۋايئ،ۋاي،نىمانداق قىلىسىز،بولدى،بۈگۈن مۇشۇيەرگىچە بولسۇن،ئەتە!