ياشلىق ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2014-05-18 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 82 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140518-233459-84899379.jpg

ياشلىق _ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ رەڭدار ، ئەڭ جۇشقۇن ، ئەڭ خۇش پۇراق ئالتۇن چېغى .

ياشلار ياشلىقىڭلارنى ئاسراڭلار . چۈنكى ، دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىك ياخشى نەرسە يوق . ياشلىقنى خۇددى ساپ ئالتۇندەك خالىغان ئىشىڭلارغا ، خالىغان جايغا ئىشلىتەلەيسىلەر . لېكىن قېرىغاندا بۇ خىسلەت ۋە كۈچ – قۇۋۋەت سىلەردىن كېتىدۇ . شۇڭا ، ياشلىقنى قەدىرلەڭلار .

ياشلىقىڭدىن باشلاپ ئىززەت – ئابرويىڭنى ساقلا . ئاتا – ئاناڭغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ ، بالاڭدىنمۇ شۇنى كۆرسىەن ، بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم . ياشلار كۈچىدىن قالغان قېرىغان ئاتا- ئانىلىرىغا رەھىمدىل ، كۆيۈمچان بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، ياشانغانلارنى بېقىش ، ئۇلارنى ئۇلۇغلاش پەزىلەت مەسلىسى .

ياشلارنىڭ ئۆزى بىر گۈزەل ئۇچار قۇش . شۇڭا ، ياشلار گۈزەللىكىلا مەپتۇن بولۇپ ، ساغلاملىقىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك . چوقۇم ساغلام بولغاندىلا ھەقىقىي گۈزەللىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ياشلار ئۈچۈن گۈزەل بولۇشتىنمۇ بىلىملىك بولۇش ئەۋزەل . ھۆسىن – جاماللا گۈزەل بولماي ، بلەكى قەلبى ھەقىقىي گۈزەل بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، تاشقى گۈزەللىكتىن باشقىلارغا ياردەم قىلىش ، خەير- ساخاۋەتلىك بولۇش ئەۋزەل .

مەنبە : بىڭتۈەن گېزىتى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *