دۇنيادا گۇناھ يوق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-27 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 142 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

سىز پەقەت تېنىڭىز ئۈچۈنلا ياشىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ ئازاب چېكىشىنى ئەسكى ئىش دەپ قارىۋالىسىز. ئەگەر، سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ نىشانى سىزنىڭ ئىچكى ئۆزلۈكىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش دەپ قارىسىڭىز، سىز بارا-بارا شۇنى چۈشۈنۈپ يېتىسىزكى، ئازاب چەككىنىڭىز سىز ئۈچۈن پايدىلىق، چۈنكى، ئازاب چەكمىگۈچە مەنىۋىيىتىڭىز مۇكەممەللەشمەيدۇ.
بېشىڭىزغا بالايى-قازالار كېلىۋەرسە، بىمار دورا ئىچكەندەك مۇئامىلە قىلىڭ. بىزگە ئايانكى، دورا بەلكىم بەك ئاچچىق، ئادەمنى بىزار قىلغۇدەك دەرىجىدە بولسىمۇ، بىز دورا ئىچكەندىن كېيىن خېلى ياخشى بولۇپ قالىمىز. خۇددى شۇنىڭدەك، سىزمۇ ئۆزىڭىز يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە باش ئاغرىقلىرىغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيىدە قاراڭ. چۈنكى، ئۇلار سىزنىڭ روھىڭىزغا پايدىلىق.
كىشىلىك دۇنيادىن ئايرىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىپ خاتا قىلمىدىم،  ئۆزۈمنىڭ ئازاب چېكىشى روھىمغا پايدىلىق ئەمەس دەپ بىلسىڭىز، بۇنىڭ ئۆزى ھەقىقىي ئازاب.
 سىز ئاللىقانداق بىر نەرسىدىن قورقسىڭىز، بىلىشىڭىز كېرەككى، قورقۇشىڭىزنىڭ سەۋەبى، جىسمىڭىزنىڭ سىرتىدا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئىچىڭىزدە بولغان بولىدۇ.

5-ئاينىڭ 27-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *