ھېكمەتلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-06 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 145 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

1 – ھەقىقەت دائىم ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ قۇلىدا تۇرىدۇ ، پۇلمۇ شۇنداق .

2 – بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا قەرز بولۇپ قالغان ۋاقتى ئۇنىڭ ئەڭ كەمبەغەل ۋاقتىدۇر .

3 – خوشاللىق ئازاپنىڭ ۋاقىتلىق توختىشىدۇر .

4 – پۇرسەت خۇددى ئوغرىغا ئوخشايدۇ ، كەلگەندە شەپە چىقارمايدۇ ، كەتكەندە سىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدۇ .

5 – ئالىيجاناپ كىشىلەرنىڭ ئاسانلا سۆز – چۆچەككە قېلىشى ھەيرانقالارلىق ئىش ئەمەس ، بۇ خۇددى پاكىز نەرسىلەرنىڭ ئاسانلا كىرلىشىپ كەتكىنىگە ئوخشايدۇ .

6 – ياخشى ، مۇۋاپىق ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى خۇددى پۇتقا مۇۋاپىق كەلمىگەن ئاياققا ئوخشايدۇ ، ئاياغ پۇتقا دەل كەلگەندىلا ياخشى ماڭغىلى ئۇزۇن يول يۇرگىلى بولىدۇ .

7 – ھازىرقى زامان كىشىلىرى 40 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى پۇل ئۇچۇن سالامەتلىكىنى قۇربان قىلىدۇ ، 40 ياشقا كىرگەندىن كىيىن سالامەتلىكى ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە كىرىشىپ كىتىدۇ .

8 – 30 ياشتىن ئىلگىرى سەن كىسەلنى ئىزدەيسەن 30 ياشقا كىرگەندىن كىيىن كىسەل سىنى ئىزدەيدۇ .

9 – كومپىيوتېرنىڭ بارغانسىرى ئادەمگە ئوخشاپ قېلىشى قوقۇنۇچلۇق ئەمەس ، قورقۇنۇچلىقى ئادەمنىڭ بارغانسىرى كومپىيوتېرغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقى .

10 – قاراڭغۇلۇقنى قارغاپ ئولتۇرغاندىن كۆرە ئۇنى چىراغ يېقىپ يۇرۇتقان ئەۋزەل .

11 – ئەخمەق ، نادانلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ ئولتۇرما ، بولمىسا ئۆزەڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىسەن.
12 – نىيەت دۇرۇس بولمىغان جايدىن خۇشاللىق غايىپ بولىدۇ .

13 – دۇنيادا ناتۇنۇش ئىت ، ۋە ئۆزەمنىڭكىلا راس دەپ تۇرۋالدىغان كىشىدىن ئۆزىنى تارتقۇلۇق .

14 – ئىتنىڭ قۇيرۇق شىپاڭشىتىشى قۇلۇڭدىكى سۆڭەك ئۈچۈن .

15 – ئاتنى مەجبورى دەريا بويىغا يىتىلەپ بارالايسەن ، بىراق ئۇنى سۇ ئىچىشكە مەجبورلاش قۇلۇڭدىن
كەلمەيدۇ .

 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *