كىتاب ھەققىدە ھېكمەتلەر

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-06 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 228 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش
  • كىتاب — ئىنسانلار دۇنياسىنى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتەك ئۇزۇن يىللىق كۆرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەقىل – پاراسەت جەۋھىرى.
  •  بىر ياخشى كىتاب بىلەن ئۇچراشسىڭىز بىر ياخشى دوست ياكى بىر ئالىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، گۈزەل ئەتىنىڭ، پارلاق يېڭى ھاياتنىڭ چىرتىيوژىنى سىزىۋاتقاندەك ئىپتىخارلىق ھېسسىياتتا بولىسىز.
  • ئۆي ۋە ھۇجرىڭىز ھەر قانچە ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرەر پارچە كىتاب بولمىسا، خۇددى سۈيى يوق كۆلگە ئوخشايدۇ.
  • بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي گۈل يوق باغقا ياكى يېشىللىق يوق تاغقا ئوخشايدۇ.
  •  بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي ئادەمسىز بازارغا ئوخشايدۇ. كۆچۈرۈپ يۆتكەش ياخشى ئىش ئەمەس.
  • بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي بىر تالمۇ يۇلتۇز يوق قاراڭغۇ ئاسمانغا ئوخشايدۇ.
  • بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي ھېچقانداق ئۇچار قۇش بولمىغان جىمجىت ئورمانلىققا ئوخشايدۇ.
  • بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي سېمىز پاقلان گۆشىدە قايناتقان، ئەمما تۇزى يوق شورپىغا ئوخشايدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *