ئېزىقىش

يوللانغان ۋاقتى : 2012-04-09 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 140 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

«ئۇ غورىگۈل تاماقلىنىدۇ، ئەمما بىر ئۇلۇغ زاتتۇر.» بۇ بىر ياخشى تەمسىل، بىز ئۇنىڭغا قۇلاق سالايلى.
ئەگەر، سىز جىسمانىي خۇشاللىقنى قوغلاشسىڭىز، تېنىڭىزدىكى ئەزالارنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا ياشىسىڭىز، سىز خۇشاللىقنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىڭىزنىمۇ يوقىتىسىز.
بىردەم ماڭالىغۇدەك قۇربىڭىز تۇرۇپمۇ پەيتۇنغا ئولتۇرۋالسىڭىز، شۇ مىنۇتتا سىزنىڭ ئىككى پۇتىڭىز زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئەيش-ئىشرەت ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا كۆنۈپ قالساق، ئاددىي-ساددى ياشاشنى ئۇنتۇپ قالىمىز، قەلبىمىزدىكى خۇشاللىق، خاتىرجەملىك ۋە ئەركىن-ئازادىلىكلەردىن مەھرۇم قالىمىز.
بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ تېنى−جىسمانىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك، دېگەنگە ئىشىنىشىدۇ. ھالبۇكى، بۇرۇنقى دانىشمەنلەر شۇنداق كېسىپلا ئېيتقانكى، تەنگە بولغان تەلەپ قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشىدۇر.

4-ئاينىڭ 9-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *