ئۆزەڭ بىلىسەن!

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-16 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 288 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20131216-170323.jpg

قېنىق گىرىم قىلىۋالغان بىر ئايال ئىشقا بېرىش يولىدا ئەرمەك ھايۋانلارنى ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. تۇيۇقسىز دۇكاندىكى شاتۇتى ئۇ ئايالغا : «ھەي ئايال، سەن نېمىدىگەن سەت؟ » دەپتۇ. ئايال قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. لېكىن ئىشقا بارىدىغان ۋاقىت توشاي دەپ قالغاچقا، گەپ قىلماي كېتىپ قاپتۇ. ئىشتىن چۈشۈپ قايتىشىدا، ئۇ ئايال يەنە ھېلىقى دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، شاتۇتىنىڭ: «ھەي ئايال، سەن نېمىدىگەن سەت؟!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاچچىقىنى باسالماي دۇكانغا ئېتىلىپ كىرىپ، دۇكاننىڭ خوجايىنىنى ئىزلەپ ئۇنىڭغا شاتۇتىنىڭ يەنە شۇنداق دېسە ئەمدى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر مۇنچە خاپا بولۇپ كېتىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ ئەمدى ئۇنداق دېگۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئايال دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا ، شاتۇتى ئۇنىڭغا قاراپ: « ھەي ئايال ، …» دەپتۇ .
ئايال شاتۇتىغا قاراپ : «ھە نىمە ئىش ؟» دەپتىكەن.
شاتۇتى ئۇنىڭغا: « ئۆزەڭ بىلىسەن!» دەپتۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *