ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات
ئادەم ھەقىقىي گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز كۈچىڭىزنىڭ بارىچە شەھۋەتتىن، سەت-يامان گەپ-سۆزلەردىن، ئاچكۆزلۈكتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇڭ. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز قانچە تۇراقلىق-مۇقىم ئۆتسە، ئۇ شۇنچە خۇش بولىدۇ.
پەرۋانىنىڭ ئۆزىنى ئوتقا ئېتىشى، ئۆزىنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغىنىنى بىلمەيدىغىنىدىن بولغان. سۇدىكى بېلىقنىڭ يەمچۈكنى يالماپ يۇتۇشى، بۇنىڭ ئۆزىگە ئۆلۈم ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەسلىكىدىن بولغان. گەرچە شەھۋانىي ھەۋىسىمىز بىزنى ھالاك قىلىپ تاشلايدىغىنىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ شەھۋانىيلىقىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىمىز.
دۇنيادا ھېچقانداق بىر سۆز تېمىسى ئادەمنى جىنسىي مۇناسىۋەتتەك ئۆزىگە كۈچلۈك تارتالمايدۇ. شۇڭا، ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، سەمىمىي-راستچىللىق بىلەن ئۇنى ئاشكارا مۇھاكىمە قىلىش.
بەزىلەر، شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن توي قىلىشىدۇ، بىراق، توي ئۇلارنى شەھۋانىي ئوي-خىياللارغا مۇپتىلا قىلمايدۇ.
4-ئاينىڭ 8-كۈنى