ماي 7 2012
خاتالىق
باشقىلارنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىغا تايىنىپ ئۆز خاتالىقىمدىن قۇتۇلدۇم، دېيىش دۇرۇس ئەمەس. ياق، باشقىلارنىڭ ئەپۇسىغا قاراشلىق بولماي، ئۆز خاتالىقلىرىڭىزنى تونۇپ يېتىش ئارقىلىقلا ئاڭلىق يوسۇندا ئۇ خاتالىقلاردىن قۇتۇلالسىڭىز، ئاندىن ئۇ خاتالىقلاردىن ھەقىقىي قۇتۇلغان بولىسىز.
سىز سادىر قىلغان ھەر بىر خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەر سىزنى چۈشەپ قويىدۇ. دەسلىۋىدە، ئۇ خاتالىق سىزنىڭ چۈشىلىشىڭىزگە نىسبەتەن سىزنى خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا كىرىپ قالغاندەك قىلىپ قويىدۇ. ناۋادا، خاتالىقىڭىزنى تەكرارلاۋەرسىڭىز، ئۇ ئىنچىكە ئارقانغا، ئاندىن توم ئارقانغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر، سىز خاتالىقىڭىزنى ئۆزلۈكسىز تەكرارلاۋەرسىڭىز، ئۇ تۆمۈر زەنجىرگە ئايلىنىدۇ.
خاتالىق سىزنى تۇنجى قېتىم ئىزلىگەندە، ئۆيىڭىزگە تاسادىپىي كېلىپ قالغان مېھمانغا ئوخشايدۇ، ئاندىن دائىملىق مېھمىنىڭىزغا، ئاخىرى بېرىپ ئۆيىڭىزنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.
ئەگەر، جىسمىڭىزدا روھىڭىز بولمىغان بولسا، ھاياتىڭىزمۇ بولمىغان بولاتتى. تەن روھنى چۈشەپ قويىدۇ؛ روھ تەندىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن تېپىرلايدۇ. مانا بۇ ھاياتنىڭ پۈتكۈل مەناسى.
5-ئاينىڭ 7-كۈنى