يۇز تۇرانە ئىمتھاندىكى ئاجايىپ جاۋاپ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-21 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 222 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

يۇز تۇرانە ئىمتھاندىكى ئاجايىپ جاۋاپ

كومسىيە يۇز تۇرانە ئىمتھان بەرگۇچىدىن سوردى:
ھىندىستان قاچان مۇستەقىل بولغان؟
1947يىلى مۇستەقىل بولغان ، لىكىن  بۇنىدىن بۇرۇنلا مۇستەقىل بولۇش ئۇچۇن تىرىشقان،دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ئىمتاھان بەرگۇچى.
مۇستەقىل بولۇشتىكى تۆھپىكار كىم؟
خىلى كۆپ، قايسىنى دىسەم ياخشى بولار؟مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭلا ئىسمىنى دىسەم،ئېنىقكى باشقىلارغا ئادىلىق قىلمىغان بولۇمەن،
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۇشمىنى چىرىكلىكمۇ؟
ھازىر بۇ مەسىلە مۇلايىزە قىلىنىۋاتىدۇ،رەسمىي دوكلاتنى كۇرمەي تۇرۇپ ئېنىق جاۋاپ بىرەلمەيمەن.
يۇز تۇرانە ئىمتھان ئالغان كومسىيە ئۇنىڭ مۇستەقىل كۆز قارشىدىن ۋە بەرگەن جاۋابىدىن بەكمۇ رازى بولۇپتۇ، بۇ سۇئاللارنى باشقىلارغا ئاشكارلىماسلىقنى تاپىلاپ ،ئۇنىڭغا تولۇق نومۇر قويۇپ چىقىرۋىتىپتۇ.
ئۇنىڭ دوسلىرى باش كومسىيەنىڭ ئۇنىڭدىن قانداق سۇئال سورىغانلىقنى سوراپ تۇرۇۋاپتۇ ،ئۇ ھىچ كىمگە سۇئالنى دەپ بەرمەي ،جىم تۇرۇۋاپتۇ، ئۇنىڭ دوسلىرى ئۇنىڭدىن گەپ ئالالماي تارقىلىپ كىتىپتۇ، لىكىن ئۇنىڭ شۇنداق بىر دۆت ھەم گومۇش ساۋاقدىشى بولۇپ، ئۇ ھىچ نەرسىنى بىلمەيدىكەن ،شۇڭا ئۇ دوستىغا يىپىشىۋاپتۇ، ئۇنىڭ دوستىغا سەل ئىچى ئاغىرىپ ،بايامقى سۇئالنىڭ جاۋابىنىلا ئۇنىڭغا تولۇق دەپ بىرىپتۇ.
يۇز تۇرانە ئىمتھان بىرىش نۆۋىتى ئۇنىڭ گومۇش ساۋاقدىشىغا ئاخىرى كەپتۇ. كومسىيە ئۇنىڭ چىرايىغا ۋە جىددىلىشىپ تىتىرەپ تۇرغان ئەلپازىغا قاراپ، ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمالنى سۇرۇشتۇرمەكچى بوپتۇ.
سىز قاچان تۇغۇلغان؟
مەن ..مەن….1947يىلى،لېكىن بۇنىڭدىن بىر قانچى يىل ئىلگىرلا بۇنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىش……قان….
كومسىيە ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن بەكمۇ ھەيران قاپتۇ،ئۇنىڭ ئەھۋالنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلىپ بىقىش ئۇچۇن،ئۇنىدىن سوراپتۇ.
دادىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟
خىلى كۆپ….. قايسىنى دېسەم ياخشى بولار؟ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭلا ئىسمنى دېسەم،ئېنىقكى باشقىلارغا ئادىللىق قىلمىغان بولۇمەن.
بۇ جاۋاپتىن كومسىيەنىڭ شۇنداق ئاچىغى كىلىپ،
ھەي! سەن ساراڭمۇ نېمە دەپ قاتتىق ۋاقىراپتۇ.
ئۇ باش كومسىيەگە:
ھازىر بۇ مەسىلە مۇلاھىزە قىلىنىۋاتىدۇ،رەسمىي دوكلاتنى كۇرمەي تۇرۇپ ئېنىق جاۋاپ بىرەلمەيمەن.دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.
باش كومسىيە ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ،  بىشىنى تۇتۇپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ…..
مەنبە تەرمىلەر ژورنىلى

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *