ئەي سۈيۈملۈك ھەمشىرەم
ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە مۇسۇلمان قىزلارنىڭ نىكاھتىن كىيىن مەيلى قانچىلىك يۇقۇرى ياكى تۆۋەن مەلۇماتلىق بولسۇن، سىرتتىكى خىزمەتلىرنى تاشلاپ ، ئۆيدە ئوتتۇرۇپ ئائىلە ئشلىرى بىلەن، ئائىلىدە پەرزەنىتلىرىگە ئۆزى بىر قوللۇق قاراش، كىچە – كۈندۈز يىنىدىن ئايرىلماي كۈلكە – يىغىسىغا تەڭ ھەمراھ بولۇپ، قائىدىلىك تەربىيلەش، اللەغا ئىبادەت، ئەرگە ئىتائەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بوپ ئۆتىشى نۇرغۇن قەلبى ئويغاق كىشىلەرنىڭ ئاپرىن ئېيتقۇسىنى كەلتۈرسە، يەنە نۇرغۇن نادان كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ،
توۋا دىگۈم كىلىدۇ ، ئۇ نادان ئىنسانلار ئۆزىلىرچە ھازىرقى تۇرمۇش رىتىمنىڭ تىزلىگىدە ، ماددى ئىھتىياجنىڭ ئىشىۋاتقان مەزگىلىدە ئەر – ئايال تەڭ ئىشلىمىسە ئىقتىساددا قىينىلىپ قالىدۇ دەپ سەۋەپ كۆرسىتىپ ھەر ئىككىلىى ئىشلەيدۇ، دە يۈرەك پارىسىنى ياكى يەسلىلەگە ئاپىرىپ ئەكىلىدۇ ياكى بالا باققۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ قارىتىدۇ، ۋە ياكى ياشانغان ئاتا- ئانىلىرغا بىزىرىپ تۇرۇپ باققۇزىدۇ.
مۇشۇلارغا پۇل كەتمەمدۇ؟ۋاقىت كەتمەمدۇ؟ئۆزى باققانغا يىتەمدۇ! ھەم ئىككى كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى بىرلا ۋاقىتتا لاياقەتلىك بىجىرىش ئاسانمۇ؟چوقۇم بىرنى قۇربان قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ياراتقۇچى ھەر بىر ئىنسانغا ئۆزىگە خاس مەسئۇلىيەت بىكىتكەن، ئايال كىشگە تويدىن كىيىن ياخشى ئايال، ياخشى ئانا بولۇش ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش يىتەرلىك مەسئۇلىيەت. ئەگەر شارائىتى يار بەرسە بۇ مەسئۇلىيەتتىن سىرىت ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىشلاردىن ،شەرىئەت يول قويغان ئاساستا قىلپ ،جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشسا بۇمۇ بەك خۇشاللىنارلىق ئىش ئەلۋەتتە.
ئەمەلىيەتتە ئايال كىىشىنىڭ سىرتلاردا قاتراپ يۈرۈپ، نامەھرەملەر بىلەن ئارلىشىپ ، ھىجاپسىز ئىشلەپ پۇل تىپىشى ئۇلارنىڭ بۇ «ئانا» لىق «ئايال» لىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويىشىغا ۋە ياكى ۋايساشلىرىغا بۇد ۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە ھەم ھەرگىزمۇ باھانە بولالمايدۇ.
شۇ ئەخمەق كىشىلەر ئايال كىشىنىڭ تويدىن كىيىن رىزىقىنىڭ ئەرگە قىتىلىپ بىرىلدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟
نادان ئەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇققانلىرىنىڭ پۇل تىپىپ كىرگەن ئايالغا بىر خىل ، پۇل تاپمىغان ئايالغا بىر خىل پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىشلىرى توغۇرمىدۇ؟! .
ئەلۋەتتە ھەقنى چۈشەنگەن ئەرلەر ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلالايدۇ.
ئىنشا اللە!!!.
ئەي نادان ئىنسان ، بىلسەڭ ،اللە ھەر بىر ئىنساننى ئۆز رىزقى بىلەن ياراتقان. ھەر بىىر ئىنسانغا مەلۇم ئىقتىدار بەرگەن، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئىشلىمىگىنى يوق، ئۇلار مەسئۇلىيىتىنى تونىغان ۋە دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالالىغانلار.
شۇڭا ئۇلار ھۆر پەرى كەبى ئىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشنى بىلىدىغان ، ئىرى بىلەن باراۋەرلىك تالاشمايدىغان ئاياللار ، ئۇلار ئەرلىرى ئىشتىن ھىرىپ كەلگەندە كۈلۈپ ئالدىغا چىقىپ ئىشىك ئاچالايدۇ، ھىرىپ كىرگىنىدە ئالدىغا ئىسسىق چاي – تاماق سۇنالايدۇ، ئىرىنىڭ سىرىتتا ھالال رىزىق تىپىش ئۈچۈن چارچايدىغانلىقىنى بىلگەچكە ، ئۆزگە خاس بولغان ئائىلىنىڭ ۋە پەرزەنىتلەرنىڭ ئىشلىرىنى كۈچىنىڭ يىتىشىچە مۇستەققىل قىلىشقا تىرىشىدۇ، ئىرىغا يەنە مەسئۇلىيەت ئارتمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەملىكى، تىچ – ئامانلىقى، ئىرىنىڭ سالامەتلىكى، ئىمان – ئىنساۋى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، بەرەكەتلىك ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ سائادەتلىك بولىشى، پەرزەنىتلىرىنىڭ ساغلام، دىيانەتلىك، ئەقىللىق، پەزىلەتلىك مەنپەئەتلىك ئۈممەت ئىز باسارلىرىدىن بولىشى ئۈچۈن كىچە كۈندۈز دۇئا قىلىشىقا پۇرسىتى بار، ئۇ زىھنىنى ھەم ۋاقتىنى ئائىلىگە ۋە پەرزەنىتلىرىگە مەركەزلەشتۈرگەن سەۋىرچان ئايال .
چۈنكى ئۇ ئايال ئىرىنىڭ ئامانىتىنى ساقلاپ، ئىتائەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرۇشنى تاللىغان ئەقىللىق ئايال .
چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەرلىرى اللە نىڭ ھەر بىر ئەمر – مەئرۇفلىرىغا ھەقىقى بويسۇنغان، اللە نىڭ الررزق سۈپىتىگە قەلبىدىن ئىمان ئېيتقان، بۇ دۇنيا ھاياتىنى سىناق ، ئاخىرەت ھاياتىنى ھەقىقى مەڭگۈلۈك ھايات دەپ تونىغان بەخىتلىك ئىنسانلاردۇر. ………
نۆۋەتتە ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، كۇفىرلىق ، مۇنافىقلىق ، پىتنە – پاسات ،زالالەت جاھاننىڭ ھەممە يىرىنى سېسىتىپ جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغا ھەر بىر ئائىلەرگىچە، ھەتتا نارىسىدە پەرزەنىتلەرگىچە زىيانكەشلىك قىلماقتا، نەگىلا قارىسا شەيتاننىڭ ئويۇنى، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك، قان قىرانداشلار پايدا مەنپەئەت تالىشىپ، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىك تالىشىپ ئۇرۇش جىدەل ……
ھەممىسى جاھالەتنىڭ مەھسۇلى بولماي نىمە؟
ئاپرىن ساڭا ئەي نەفسىگە جەڭ ئىلان قىلالىغان دىيانەتلىك ھەمشىرەم!!!!
ئاپرىن ساڭا ئەي ئۆز رەببىنى ھەقىقى تونىغان ھجابلىق ھەمشىرەم!!!!!!
ئاپرىن ساڭا ئەي مەسئۇلىيەتچان، ئىتائەتمەن ، نامازخان ، روزىدار ھەمشىرەم !!!!!!
ئاپىرىن ساڭا ئەي ھەقىقەتنىڭ بايرىقى بولمىش ھىجابلىق ئايال، مۇشۇنداق پىتنە – پاساتقا ،بىلىمسىزلىككە تولغان رەزىل جەمىئىيەتتە تۈرلۈك كەمسىتىشلەرگە ئۇچرىسىمۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ ، رەببىدىن ئۈمۈد كۈتۈپ ياشاۋاتقان سۈيۈملۈك ھەمشىرەم ساڭا مىڭلارچە ئاپرىن بولسۇن!!!
اللە سەندىن رازى بولسۇن!!!!!
ئەي سۈيۈملۈك ھەمشىرەم ، اللە ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭغا قەتئى ئىشەنگىنكى ، مىھىر – شەپقەتلىك اللە سىنىڭ ھەر بىر ئەمەللىرىڭنى دۇنيا ئاخىرەتتە ھىچ ئەجىرسىز قويمايدۇ.
سىنىڭ شۇ ئىتائىتىڭ، ساداقىتىڭ ۋە دۇئالىرىڭ سەۋەپلىك مىھرىبان اللە ئىرىڭنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرىغا بەرەكەت، تىنگە ساقلىق، ئائىلەڭگە ئىناقلىق،پەرزەنىتلىرىڭگە ئىمان – ئىنساپ، شەرمىي – ھايا بىرىۋاتىدۇ .
نادانلا بۇنى چۈشەنمەيدۇ.
اللە ئىگەم سىنى ھەم سەندەك نازۇك بىر ئامانەتنى ياخشى ساقلىغان شۇ جۈپتى ھالالىڭنى ئاخىرەتتە جەننەتۇل فىردەۋىسدە مەڭگۈ بىللە ياشاشقا نىسىپ قىلسۇن!!!! ئامىن!!!