مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىلىك ھاياتى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-11-15 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 443 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىلىك ھاياتى ‏

‏پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇ-
‏غاندىن كىيىن ،ھۇجرىسىغا كىرىپ، مىسۋاك
‏بىلەن چىشلىرىنى يۇيۇپلا ياتاتتى. ئاندىن ئويغىنىپ ،تۇن يېرىمدىن كىيىن ئائىشە رەزىيەللا
‏ھۇ ئەنھانى ئويغىتاتتى .ھەزىرىتى ئائشەمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن
‏بىللە ناماز ئوقۇيتى،ئىككىسى ۋىتىر نامىزىنى بىرگە ئوقۇيتى ،تاڭ سۇزۇلۇشكە باشلىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ سۇننىتىنى ئوقۇپ ،بىردەم يېتىپ ئائىشە بىلەن پاراڭلىشاتتى.ئۇنىڭدىن كىيىن بامدات نامىزىنىڭ پەرىزىنى ئوقۇش ئۇچۇن مەسچىتكە چىقاتتى.
‏بەزىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەزىرتى
‏ئائىشە سەھەرگىچە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولاتتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمام بولاتتى .ھەزىرىتى ئائىشە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇيتتى.
‏پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننىڭ «بەقەرە»،
‏«ئال ئىمىران»ۋە«نىسا» سۇرىلىرىدەك ئەڭ ئۇزۇن
‏سۇرىلىرىنى ئوقۇيتتى. قورقۇنچ ۋە ئۇمىد ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا ئاللاھقا يېلىنىپ مەغپىىرەت تىلەيتتى. رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر
‏ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا جۇشقۇنلىنىپ ،ئاللاھ
‏خۇش خەۋەر بەرگەن رەھمەت ۋە نېئمەتنىڭ داۋاملىشىشىنى تىلەيتتى. بۇ ئبادەت سەھەرگىچە
‏داۋاملىشاتتى.پەۋقۇلئاددە ۋاقىتلاردا كۇن ۋە ئاي
‏تۇتۇلغان چاغلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇراتتى . ھەزىرىتى ئائىشەمۇ ئۇنىڭغا
‏ئەگىشىپ ئوقۇيتتى .ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە بولسا ھەزىرىتى ئائىشە ئۆز ھوجرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئوقۇيتتى.
‏ « سەھىھۇلبۇخارى »
‏(ھەزىرىتى ئائىشە) ناملىق كىتاپنىڭ 53- بېتىدىن ئېلىندى.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *