تېلېۋىزورنى ئۇزاق كۆرۈش دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئۇزاق مەزگىل تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن كىشى بىلمەسلىكى مۇمكىن، تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە، ئۇزاق مەزگىل تېلېۋىزور كۆرۈش دىيابېت كېسەلىكىگە ھەمدە يۈرەك- قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.، ھەتتا بۇ خىل كېسەللىك سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە، كۈندە ئىككى سائەت تېلېۋىزور كۆرۈش دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %20، يۈرەك -قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %13 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، ناۋادا كۈندە تېلېۋىزور كۆرگەن ۋاقىت ئۈچ سائەتتىن ئۇزاق بولسا، ئۆلۈم خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۇزاق مەزگىل تېلېۋىزور كۆرۈشى كۈندە ناچار يېمەكلىك يېگەنگە ئوخشاش بولۇپ، ھەرىكەت بولمىغاچقا، ناھايتى ئاسانلا سەمىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، سېمىزلىك دىيابېت ھەمدە يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.