مۇزارەبەت مۇئامىلىسىدە قانداق ئادەملەرنى تاللاش كېرەك؟
سوئال: مۇزارەبەت مۇئامىلىسىدە قانداق ئادەملەرنى تاللاش كېرەك؟
جاۋاب: مۇزارەبەت كېلىشىمىگە قەدەم قويغاندا ئىشەنچلىك، مۇئامىلىسى دۇرۇس، راستچىل، ئاللاھتىن قورقىدىغان ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشىلەرنى تاللاش ئىتايىن زۆرۈر، چۈنكى مۇزارەبەت كېلىشىمى پۈتۈنلەي ئامانەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر شېرىكچىلىك.
خىيانەت قىلمايدىغان، يالغان ئېيتمايدىغان ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەمگىلا ئىشىنىپ پۇلنى تۇتقۇزغىلى بولىدۇ. چۈنكى، كۈچ ئىگىسى ئەگەر ياخشى تاللانماستىن، پۇل ئاللاھتىن قورقمايدىغان بىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغاندا، ئۇ «پايدا چىقمىدى» ياكى «زىيان چىقتى» دېگەنگە ئوخشاش باھانىلىرى بىلەن پۇل ئىگىسىنى ئالداپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا ئىشەنچسىز ياكى راستچىللىقىدا شەك بار كىشىلەرگە پۇل تۇتقۇزماسلىق لازىم.
ئادەملەرنىڭ ئامانەتكە ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكى ئۇلارنىڭ تەقۋا سۈرىتىدە كۆرۈنىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن ئىقتىسادىي مۇئامىلە قىلىپ كۆرۈش بىلەن بىلىنىدۇ.