تۇرمۇش ساۋاتلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-04 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 138 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

تۇرمۇش ساۋاتلىرى

▲ پىيالىدىكى چاي دېغىنى چىش پاستىسى، تۇز بىلەن يۇغاندا، پاكىز چىقىدۇ.

▲ ئاشخانا ئۆينىڭ دېرىزىلىرىنى پاراشوك سۈيى ياكى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا ئازراق تاماكا قالدۇقىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

▲ تۈگۈرنى قازاندىن سۈزۈپ ئېلىپ، ئىلمان قايناقسۇدا چايقىۋەتسە، چاپلىشىپ قالمايدۇ.

▲ تۇخۇمنى ئاۋۋال سوغۇق سۇغا بىردەم چىلاپ قويۇپ ئاندىن قىزىق سۇدا پىشۇرسا، شاكىلى يېرىلىپ كەتمەيدۇ.

▲ تاسما بېلىقنى تۇز سۈيىگە بىردەم چىلاپ قويۇپ ئاندىن يۇغاندا، پاكىز تازىلىغىلى ۋە غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

▲ سامساقنى ئىلمان سۇغا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە چىلاپ قويغاندا، ئاسان ئاقلىغىلى بولىدۇ.

▲ پاشا چېقىۋالغان يەرگە سوپۇن سۈرۈپ قويسا قىچىشمايدۇ.

▲ ھېق تۇتۇپ قالغاندا، ئازراق ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسىلا توختايدۇ.

▲ سامساق يەپ ئېغىز پۇراپ قالغاندا، بىر نەچچە تال خاسىڭ (يەر ياڭىقى) مېغىزى يېسە، غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ.

▲ ئاياغنىڭ پۇتىنى غاجىغان يېرىگە ئاق ئاچچىقسۇ سۈرۈپ قويسا غاجىمايدۇ.

▲ زىبۇ – زىننەت قۇتىسىغا بور سېلىپ قويسا، زىبۇ – زىننەتلەرنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلايدۇ.

▲ چاي شامىسىنى بىر نەچچە كۈن سۇغا چىلاپ قويۇپ، سۈيىنى گۈل – گىياھلارغا قۇيغاندا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ. قورۇتۇپ تازىلىق ئۆيىگە قويۇپ قويسا، غەيرىي پۇراقنى ئالىدۇ ھەم ھەرخىل ئۇششاق ھاشاراتلارنى يوقىتىدۇ، نەم – زەي ئورۇنلارغا تۆكۈپ قويسا، نەملىكنى قۇرۇتىدۇ.

▲ تازىلىق ئۆيىگە بىر ئىستاكان ئاچچىقسۇ قويۇپ قويسا، تازىلىق ئۆيىدىكى غەيرىي سېسىق پۇراقلارنى يوقىتىدۇ.

 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *