خاتالىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-08 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 146 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

خاتالىق

تەننىڭ گۇناھى دائىم ئۈستى-ئۈستىلەپ كۆرۈلىۋېرىدۇ، تەننىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىمايدىغان ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. بىز ئۆمۈرۋايەت بۇنداق گۇناھدىن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمىز.
دۇنيادا ئۈچ قىرلىق بىر ئاپەت يىلتىزى بار، ئۇ بولسىمۇ شارابخورلۇق، گۆشخورلۇق ۋە چېكەرمەنلىكتۇر. ناۋادا، بىز ئۇلاردىن پاك-پاكىز ئادا-جۇدا بولۇپ كېتەلىسەك، بىزنىڭ ھاياتىمىز ئۈزۈل-كېسىل ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
سىز بايلىقىڭىزغا تايىنىپ تېنىڭىزنى ھۇزۇرلاندۇرالايسىز، بىراق، سىز تېنىڭىزنى قانچە ھۇزۇرلاندۇرغانچە تېنىڭىزنىڭ تەلىپى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ. مەيلى ھەرقانچە كۆپ بايلىق بولسىمۇ، تېنىڭىزنىڭ پۈتكۈل تەلىپىنى قاندۇرۇپ بولالمايسىز.
ئۆز تېنىگە قۇل بولۇشتىن ئىبارەت بۇنداق گۇناھنىڭ ئاشكارىلىنىش شەكلى كۆپ خىل. ئۇنىڭ ئىچىدە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، كىشىلەر ئەڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن شەكلى ئاچكۆزلۈك، تويماسلىقتۇر.

10-ئاينىڭ 8-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *