گۇناھ

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-07 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 144 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بىز بىر ئۆمۈر گۇناھ، ئېزىقىش، بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىلەن كۈرەش قىلىمىز.
ئادەمنى ئازبلايدىغان بەش تۈرلۈك گۇناھ مەۋجۇت: ئاچكۆزلۈك، ھۇرۇنلۇق، شەھۋانىيلىق، غەزەپلىنىش ۋە ئاداۋەت ساقلاش، ئۇلاردىن باشقا يەنە تەكەببۇرلۇق.
بىزنىڭ جىسمىمىز ئۆز ئارا ئايرىلمايدۇ دېسەك، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ ئىناق بولىشى كېرەك. تەن بولمىسا ھايات بولمايدۇ، بىراق، تەندىن سىرت يەنە باشقا بىر خىل ھاياتمۇ مەۋجۇتتۇر.
تۈرلۈك گۇناھ-خاتالىقلار بىلىمسىزلىك-نادانلىقتىن كېلىدۇ.
ئەگەر سىز ھاياجان ۋە ئاچچىقتىن خالاس بولۇپ، ئۆزىڭىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنى ئەپۇ قىلىۋېتىپ، كەمكۈتسىز ياشىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش-ئەمەللەرنى قىلغان بولىسىز.

3-ئاينىڭ 7-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *