بالىلارنى ئىرادىسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش چارىلىرى
بالىلارنى ئىرادىسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش چارىلىرى
ئىرادىسىز بالىلاردا بولىدىغان ئىپادىلەر : قورقۇنچاقلىق ، مۇستەقىل ئىش قىلالماسلىق ، باشقىلارغا زىيادە يۆلۈنۈۋېلىش .
ئىرادىسىزلىق بالىلارنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى ۋە ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرى بېسىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ .شۇڭا ،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدا ئىرادىسىز ئەھۋالنى بايقىسا ، ئۇلارغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىشى ۋە توغرا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك .
1. بالىدا مۇستەقىللىقنى يېتىلدۈرش . ئاتا-ئانىنىڭ بالىنىڭ ھەممە ئىشىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشى بالىدا ئىرادىسىز خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى .بۇنداق قىلىش بالىنىڭ ئۆزىنى سىناپ بېقىش پۇرسىتىنى تارتىۋالغانلىق بولۇپ ، ئۇنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ .
2. بالىنى تەڭتۇشلىرى بىلەن كۆپرەك ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش . پىسخىلوگنىك كۆرسىتىشىچە ، بالىلارنىڭ خاراكتېرى ئويۇن ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ ، بۇمۇ ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە ئىكەن .
ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ دوراش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، بالىلىرىنى تەڭتۇشلىرى بىلەن ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا ، بالا باشقا بالىلارغا ئەگىشىپ ئادەتتە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ ، بالىنىڭ خاراكتىرى چېنىقىپ ياخشىلىنىدۇ .
3. بالىنى ھۆرمەتلەش . ئىرادىسىز بالىلار ئادەتتە جىمغۇر بولۇپ ، ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتە بىر قەدەر ئاجىز كېلىدۇ .شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ غورورىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك .
4. بالىنى يۈرەكلىك سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش .
ئاتا -ئانىلار تەمكىن بولۇشى، بالىلىرىنى كەلسە -كەلمەس ئۇرماسلىقى ، تىللىماسلىقى ، گەپ قىلىشقا زورلىماسلىقى كېرەك .
ئاتا-ئانىلار تەڭتۇش بالىلارنى بالىسى بىلەن بىرلىكتە كوللىكتىپ پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ ، ئۆزى بىر چەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ ياكى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ، بالىلارغا ئەركىن پائالىيەت قىلىش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك . ئەگەر شارائىت يار بەرسە ، ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنى كەڭ دالىلارغا ئاپىرىپ ، بالىلىرىنى ئىچىنى بوشىتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرسە بولىدۇ .
مەنبە : ماتىريالدىن