دادامغا دەپ قويماڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 141 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

دادامغا دەپ قويماڭ
 
ھېكايە
 
ئىلگىرى ئۈچ كىشىدىن تەركىپ تاپقان تولىمۇ بەخىتلىك ئۈتىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغان ئىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىردە ئانا ،ئېغىر بىر كېسەل سەۋەبىدىن سۈيۈملىك ئېرى ۋە ئوماق قىزىنى تاشلاپ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپتۇ.
قىزچاق دائىم دادىسىدىن:ئانام،قاچان قايتىپ كېلدۇ ؟ دەپ سۇئال سورايدىكەن .بىرچارە دادا قىزىنى ئازاپلاشنى خالىماي-
قىزىم،ئانىڭىز ناھايىتىمۇ يىراق بىر جايغا خىزمەتكە كەتتى دەپ، قىزنى بەزلەيدىكەن.
شۇنداق قىلىپ قىزمۇ ھەش-پەش دڭگۈچە 6 ياشقىمۇ كىرىپ قاپتۇ.شۇ يىلى دادا تۇلىمۇ پەزىلەتلىك ياخشى بىر ئايال بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ.بىز كۈنى دادا قىزىغا،كۈلۈپ تۇرۇپ:قىزىم،ئانىڭىز قايتىپ كېلدىغان بولدى.سىز ئانىڭىزنىڭ سىياقىنى ئەسلىيەلەمسىز؟ دەپتۇ.قىز ئۇندا ئويلاپ،بۇندا ئويلاپ بېشىنى چايقاپتۇ.دادا، قىزىنىڭ تۇرقىغا قاراپ ھەم ئىچى سېرىلىپتۇ،ھەم سەل يىنىكلەپ قالغاندەك بوپتۇ.چۈنكى قىزى يەنىلا تېخى كىچىك بالا ئەمەسمۇ؟
دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ھېلىقى ئايال ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ ۋە قۇچىقىنى كەڭ ئاشقان ھالدا قىزنىڭ ئىسىمىنى چاقىرىپ،قىزنى ئۆزى تەرەپكە كىلىشكە چاقىرىپتۇ.
قىزچاق ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپ قاپتۇ،چىرايىدىن قورۇنغانلىق ئەكىس ئىتىپتۇ.
دادا:قىزىغا،قىزىم ئانىڭىزنى تۇنۇمىدىڭىز مۇ؟ تىزىرەك ئانا دەڭ دەپتۇ.قىزچاق دادىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئانا دەپ ئۇ،ئايال تەرەپكە يۈگۈرۈپ ئانا ! دەپ توۋلاپتۇ.
چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن،ئايال قىزغا ئەگىشىپ قىزنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپتۇ.قىز چاق تۇيۇقسىزلا ئايالغا قاراپ ،سىز مىنىڭ -
ئانام ئەمەس ! دەپتۇ.ئايال ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپلا قاپتۇ.
قىزچاق ئەستايىدىللىق بىلەن ئايالغا چۈشەندۈرۈپ:ئانام،ئاللىقاچان ۋاپات بولغان.بۇنى مەن ئۈلۈشكۈن بوۋام-موماملا-دىيىشكەندە ئاڭلاپ قالغان دەپتۇ.
بۇنى بوۋام،مومام.مەن ئۈچىمىزلا بىلمىز .دادام ۋە باشقىلار تېخى بىلمەيدۇ .ئۇلار،تېخىچە ئانامنى يېراق جايغا خىزمەتكە -كەتتى دەپ بىلدۇ دەپتۇ قىزچاق.
بۇ چاغدا ھېلىقى ئايال ئاللىقاچان ئىسەدەشكە چۈشكەن ئىدى.قىزچاق ئايالنىڭ قۇلۇنى تارتىپ،چىمجىتلىقنى تەگگىنىچە:
بۇ ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا سىر بۇلۇپ قالسۇن بۇنى ھەرگەزمۇ دادامغا دەپ قويماڭ ! ئۇ بىلىپ قالسا چۇقۇم ئازاپلىندۇ دەپتۇ.
بۇ چاغدا ئەر، ئىشىك سىرتىدا تۇرۋاتقان بۇلۇپ،لەۋلىرىنى چېشلىگنىچە كۆز ياشلىرى ئاللىقاچان يۈز -كۆزلىرنى ھۆل قىلۋەتكەن ئىدى….
 
ئادىلجان ئابدۇرېھېم (نىدا)تەرجىمىسى
 

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *