كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا.
كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا.
نىشانىڭغا يىتىۋال خۇتۇن ئالماستا. ئۆز يۇلۇڭغا بىر قوللۇق قۇرمىغىن تۇزاق، داۋىنىڭدىن ئېشىۋال خۇتۇن ئالماستا. خۇتۇن ئالساڭ ھەقلىرى مىنەر گەدەنگە. بىرسى ھەقتىن كەملىسە چىچار شەنىڭگە. يەنە كۆپلەپ قۇشۇلار دەرتلەر دەردىڭگە. كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا. خۇتۇن ئالساڭ بىر ئايال يۈلەندىم دەيدۇ. ئاتا ئانام سېغىندىم يوقلايلى دەيدۇ. قۇرۇق بارساق ياراشماس ھۆللەيلى دەيدۇ. كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال جۇتۇن ئالماستا. كىيىملىرىم سەتلەشتى يىڭىلاڭ دەيدۇ. جەمىئەتكە چۈشمىدى ياخشىلاڭ دەيدۇ. ئۇنى ئىشقا بۇيرىساڭ كايىماڭ دەيدۇ. كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا. خۇتۇن ئېلىپ بىر يىلدا بۇلىسەن دادا. قۇۋۋەت بىلەن باقمىساڭ بۇلىدۇ خاپا. ئەگەر بالا باقمىساڭ يىرتىلار ياقا. كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا. ۋاقتىڭ بىلەن زىھنىڭنى بۈلەر ئككىگە. غېمىڭ بىلەن روھىڭنى ئالار ئىلكىگە. ئىككى يىلدا بالاڭمۇ بارار ئىككىگە. كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا . كىتاب ئالدىغا بارساڭ يىغلايدۇ بالاڭ. دەرىسكە ماڭاي دىسەڭ مۆرەيدۇ كالاڭ. خۇتۇنۇڭدىن قاقشايدۇ كۈيۈمچان ئاناڭ. كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا. بالاڭنى سەن كۈتۈرۈپ باقمىساڭ تېخى. كالاڭغا ئوت ئالمىساڭ ساغمىساڭ تېخى. ئۇچىقىغا ئۇتۇننى يارمىساڭ تېخى. كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا. ھەپتىسىگە بىر باك ماي ئالمىساڭ تېخى. ھەر بازاردىن سەي كۆكتات ئالمىساڭ تېخى. توڭلغتقۇغا گۆشنى كۆپ سالمىساڭ تېخى. كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا. خەجىسىگە پۇلنى كۆپ تاپمىساڭ تېخى. نەزىر چىراق توي تۈكۈن ماڭمىساڭ تېخى. ئۇقۇغاننى بىر ياقتىن يىمىسەڭ تېخى. كۆز يەتكۈچە ئۇقىۋال خۇتۇن ئالماستا. 2013-8-25- كۈنى.