تامچىنىڭ تەقدىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-31 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 166 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەدەبىي خاتىرە

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ تەرجىمىسى

ئۈچ ئىشچى تام سېلىۋاتقانىكەن. بىر ئادەم كېلىپ سوراپتۇ:
ـــ سىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟
ـــ كۆرمىدىڭمۇ؟ بىز تام قوپۇرۇۋاتىمىز، ـــ دەپتۇ بىرىنچى ئادەم ئېرىنچەكلىك بىلەن.
ـــ بىز بىر بىنا سېلىۋاتىمىز، ـــ دەپتۇ ئىككىنچىسى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
ئۈچىنچى ئادەم بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن دىمىغىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ كۈلۈپ تۇرۇپ، خۇشاللىق بىلەن جاۋاب بېرىپتۇ:
ـــ بىز يىپيېڭى بىر شەھەر بىنا قىلىۋاتىمىز.
ئون يىلدىن كېيىن بىرىنچى ئادەم باشقا بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا تامچى بوپتۇ، ئىككىنچى ئادەم ئىشخانىدا چېرتىيوژ لايىھەلەيدىغان ئىنژېنېر بوپتۇ، ئۈچىنچىسىچۇ؟ ئۇ ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ خوجايىنى بوپتۇ.

بۈگۈنكى دۇنيا نەشرىياتى 2002-يىلى 5-ئايدا 1-قېتىم نەشر قىلغان ‹‹ھېكايىلەر دەۋرى . كىچىك ھېكايىلەردىكى ئەقىل-پاراسەت›› ناملىق توپلامدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *